قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

9-ئايدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ يولغا قويۇلىدۇ

2017-08-08 17:39:43     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
   ئۈرۈمچىدە بۇ يىل 9-ئايدا يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغاندىن باشلاپ ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار ئىككى يىل يەنى بالىلار باغچىسىنىڭ چوڭ ۋە ئوتتۇرا سىنىپى بالىلىرىغا ھەقسىز مائارىپ سىياسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. كېلەر يىلى  9-ئايدىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بارلىق ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار بالىلار باغچىسىدىكى ئۈچ يىلدا ھەقسىز مائارىپ سىياسىتىدىن بەھرىمان بولىدۇ. ئۈرۈمچى نوپۇسىدىكى بالىلار باغچىسىغا قوبۇل قىلىش يېشىغا يەتكەن بالىلار ۋە ئەر-ئايال بىر تەرەپنىڭ سۇغۇرتىغا قاتناشقان ۋاقتى ئۈچ يىلدىن ئاشقانلارنىڭ بالىلىرى بۇ سىياسەتتىن بەھرىمان بولىدىكەن. بۇ يىل 9-ئايدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە يەنە ئادەتتىكى تولۇق  ئوتتۇرا مەكتەپ ھەقسىز مائارىپى سىياسىتى يولغا قويۇلىدۇ. سىياسەتتىن بەھرىمان بولىدىغان ئوبيېكىتلار: 2015-يىلىدىن بۇيان ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە ئوقۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرى تەۋەلىكىدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار بولىدىكەن.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى