قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﺍ بىر قىسىم ﺗﺎﻟﻮﻧﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ساقلاش ھەققىدە

2017-08-07 18:27:29     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﻨﯩﯔ ﻻﻳﺎﻗﻪﺗﻠﯩﻚ ﮔﯘﯞﺍﮬﻨﺎﻣﯩﺴﻰ. ﻻﻳﺎﻗﻪﺗﻠﯩﻚ ﮔﯘﯞﺍﮬﻨﺎمىسى ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﻨﻰ ﻧﻮﭘﯘﺳﻘﺎ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭۇشتىكى ﺯﯙﺭﯛﺭ ئىسپات. ﻻﻳﺎﻗﻪﺗﻠﯩﻚ ﮔﯘﯞﺍﮬﻨﺎمىسى ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﻼﺭ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﺎﺗﻮﺭﻟﯘﻕ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﻗﯘﺭﺍﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺋﯚﻟﭽﻪﻡ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻼ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻧﻮﻣﯘﺭ ﺗﺎﺧﺘﯩﺴﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

   ﺋﯜﭼﻨﻰ ﮬﯚﺩﺩﯨﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﻛﺎﺭﺗﯩﺴﻰ. ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﯜﭼﻨﻰ ﮬﯚﺩﺩﯨﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﯘﭼﻰ، ﺳﺎﺗﻘﯘﭼﻰ ﯞﻩ ﺭﯨﻤﯘﻧﺖ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺳﯜﭘﻪﺕ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺕ ﻣﯘﺩﺩﯨﺘﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﻨﯩﯔ ﺳﯜﭘﻪﺕ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺗﯜﭘﻪيلىدىن، ﺋﺎﭘﺘﻤﻮﺑﯩﻠﻨﻰ ﺭﯨﻤﯘﻧﺖ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ، ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﺵ ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺑﯘ يەنە ﺳﯜﭘﻪﺕ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺕ ﻣﯘﺩﺩﯨﺘﻰ ﺭﯨﻤﯘﻧﺖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﺩﺩﯨﺘﻰ، ﺋﯜﭼﻨﻰ ﮬﯚﺩﺩﯨﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻛﯜﭼﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻣﯘﺩﺩﯨﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﯘﭘﯩﺮﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺯﺍﭘﭽﺎﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﯜﭘﻪﺕ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺕ ﻣﯘﺩﺩﯨﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ.

ﺋﺎﺳﺮﺍﺵ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﯩﺴﻰ. ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ئىگىلىرىنى ﺋﺎﺳﺮﺍﺵ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ،  ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ 4س ﺩﯗﻛﯩﻨﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﺎﺳﺮﺍﺷﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻼ ﺯﺍﯞﯗﺕ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﻨﯩﯔ ﺳﯜﭘﻪﺕ ﻛﺎﭘﺎﻟﯩﺘﻰ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ ﺑﻮﻻﻻﻳﺪﯗ. ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ 4س ﺩﯗﻛﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﮬﻪﻗﺴﯩﺰ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺗﻨﻰ ﺳﻮﯞﻏﺎ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﮬﻪﻗﺴﯩﺰ ﺋﺎﺳﺮﺍﺵ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﺎﺳﺮﺍﺵ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ تولۇق ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﯩﺴﻰ. ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﻨﯩﯔ ﺳﻪﭘﻠﯩﻤﯩﺴﯩﺪﻩ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻻﺭ ﻳﯘﺷﯘﺭﯗﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻻﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﯩﺴﯩﺪﺍ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى