قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تويوتا يەل خالتىسى سەۋەبلىك بىرازىلىيەدىن 500 مىڭ دانە ئاپتوموبىلىنى يىغىۋالىدۇ

2017-08-07 18:29:24     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
ياپونىيە تويوتا شىركىتى يېقىندا بىخەتەرلىك يەل خالتىسىدا يېرىلىپ كېتىش خەۋپى بولغانلىقى ئۈچۈن بىرازىلىيەدىن 538 مىڭ دانە ئاپتوموبىلنى يىغىۋالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ مەزكۇر شىركەتنىڭ بىرازىلىيەدە يەل خالتىسى مەسىلىسى سەۋەبلىك ئەڭ چوڭ كۆلەمدە ئاپتوموبىل يىغىۋېلىشى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ قېتىم يىغىۋېلىنىدىغان ئاپتوموبىللار كوروللا، Etios، خىلاكس پىكارد ۋە SW4دىن ئىبارەت تۆت خىل ئاپتوموبىل تىپىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.
ئىگىلىنىشچە، مەسىلە بار بىخەتەرلىك يەل خالتىسىنى ياپونىيە تاكاتا شىركىتى ياسىغان. بىرازىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2013-يىلىدىن بۈگۈنگە قەدەر بىرازىلىيە بازىرىدا ئۈچ مىليون دانە ئاپتوموبىل تاكاتا يەل خالتىسى مەسىلىسى سەۋەبلىك يىغىۋېلىنغان، يىغىۋېلىنغان ئاپتوموبىللار خوندا، تويوتا، نىسسان، فىئات قاتارلىق ماركىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. تاكاتا ياپونىيەدىكى ئەڭ ئاساسلىق بىخەتەرلىك يەل خالتىسى ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانا بولۇپ، ياپونىيەدىكى بارلىق ئاپتوموبىل شىركەتلىرى بۇ كارخانىنىڭ خېرىدارى ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ شىركەت گېرمانىيەدىكى تارماق شىركىتى ئارقىلىق ھەممىباب، BMW قاتارلىق خەلقئارالىق ماركىلارنىمۇ مال بىلەن تەمىنلەيدۇ، تاكاتا يەل خالتىسىنىڭ يەر شارى بازىرىدا %20كە يېتىدۇ، شۇڭا تاكاتانىڭ مەسىلە بار يەل خالتىسى سەۋەبلىك يەر شارى مىقياسىدا ئاپتوموبىل يىغىۋېلىش ئەھۋاللىرى ئۈزلۈكسىز تۈردە كۆرۈلۈپ تۇرماقتا.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى