ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئەمەلىيەتتە چوڭ يولمۇ بىر ئائىلە

2017-08-08 18:50:40     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

گۈلرۇخ يالقۇن

باش باھارنىڭ ئىللىق بىر كۈنى ئاپتوموبىل ھەيدەپ«يەنئەن»يولىدىكى ياشلار باغچىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈۋاتاتتىم، توساتتىن بىر موتسىكلىت ئالدىمدا پەيدا بولدى. سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ئۇنىڭ ئۆتۈپ كېتىشىنى كۈتتۈم، ئەمما موتوسىكلىتچى پاسون چىقىرىۋاتقاندەك بىردەم ئوڭغا، بىردەم سولغا ئېغىپ ھەرىكەت قىلاتتى، بۇ ۋاقىتتا ئىككى يىنىمدا كېتىۋاتقان ئاپتوموبىللار ئۇنىڭغا بەس-بەستە سىگنال بەردى، سىگنال ئاۋازى خۇددى موتوسىكلىتچىنىڭ قالپىقىدىن قۇلاققا «كىرمىگەندەك» ئۇ يەنىلا پەرۋاسىز ئىدى، ئاخىرى مېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر رەتتىكى ئۈچ شوپۇر ئاپتوموبىلىمىزنى داجىتالماي، موتوسىكىلىتچىنى ئەركىنلىكىگە قۇيۇپ بەردۇق، كەينىمىزدىن ئاڭلىنىۋاتقان سىگنال ئاۋازلىرى كىشىنى بىئارام قىلاتتى، موتوسىكلىت تاكى بىر تار كوچىغا قايرىلىپ كىرىپ كەتكۈچە ئۇنىڭغا« بويسۇنۇپ» ماڭدۇق.
كىشىلەرنىڭ قاتناش ۋاستىلىرىنى تاللاش ئەركىنلىكى بولىدۇ. ھەرقانداق ئادەم ئېھتىياجى ۋە زوقىغا قاراپ مۇۋاپىقنى تاللايدۇ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاپتوموبىل سانى «چاقماق» تېزلىكىدە ئېشىۋاتقان مۇشۇنداق كەسكىن قاتناش دەۋرىدە موتوسىكلىت، توكسىكلىت شۇنداقلا ۋېلىسىپىتنى قاتناش ۋاستىسى قىلىش ئەلۋەتتە قوللاشقا ئەرزىيدۇ، ئەمما قائىدە-تۈزۈمدىن چەتنەپ خالىغان يەردە، خالىغىنىچە ھەيدەۋېرىش ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكىگە خىرىس ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ، بۇلۇپمۇ ھەر يىلى ئەتىياز كېلىشى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كوچا كويلىرىدا موتوسىكلىت ۋە باشقا موتورلۇق قاتناش قوراللىرى جانلىنىپ كېتىدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تۇرمۇش ئۈچۈن قاتناش ۋاستىسى قىلىنغان بولسا، كۆپ قىسىملىرى يەنىلا سودا-سېتىق، مال توشۇش، تېز پوچتا يوللانمىسى ھەم تاماق يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈنلىكى ئېنىق، ئەمما موتوسىكلىت ۋە توكسىكلىتلارنىڭ گاھىدا كىشىنى ھەيران قالدۇرۇپ يۇقۇرى سۈرئەتلىك يوللاردا پەيدا بولىشى تېخىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ھەر يىلى رەسمىيەتسىز موتوسىكلىتلارنىڭ چەكلەنگەن رايونلارغا كىرىشىنى مەخسۇس تۈزەيدۇ، بولۇپمۇ ساي يولى ۋە ئايلانما يول بۆلەكلىرىگە موتوسىكلىت ۋە توكسىكلىتلارنىڭ كىرىشى قەتئىي چەكلىنىدۇ. بۇ توغرىسىدىكى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش ھېلىھەم بوشىشىپ قالغىنى يوق، تېخى 7-ئاينىڭ بېشىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە موتوسىكلىتلارنىڭ قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشىنى تەرتىپكە سېلىش خىزمىتى باشلاندى. شۇنىڭدىن بۇيان ئۈرۈمچى شەھىرىدە موتوسىكلىتلارنىڭ خالىغانچە يول يۈرۈشى، رەسمىيەتسىز موتوسىكلىتلارنىڭ يولغا چىقىشى، ئۆلچەمدىن ئاشقان توكسىكلىتلارنىڭ خالىغانچە يول يۈرۈشى، قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىشى قاتارلىق قىلمىشلار تېخىمۇ قاتتىق تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنىۋاتىدۇ، «سايباغ» رايونلۇق قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى قاتناش ۋاستىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىنىڭ ساقچىلىرى «مېيتۈەن» تېز تاماق يەتكۈزۈش شىركىتىنىڭ ئوننەچچە توكسىكلىتىغا نۇمۇر تاختىسى ئورناتتى ھەمدە ئۇلارغا تەۋەلىكىدىكى قاتناش ۋاستىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىغا دەرھال بېرىپ، توكسىكلىتنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى بىجىرتىپ، قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ بىخەتەر، قانۇنلۇق يول يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تاپىلىدى. بۇ ياخشى يۈزلىنىش ئۈرۈمچى شەھىرىدە توكسىكلىتلارنى بىرتۇتاش تەرتىپلىك باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
موتوسىكلىت ۋە موتورسىز قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ قاتنىشىغا قانداق چەك قويۇلىدۇ؟ نۆۋەتتە باشقۇرۇشتا قانداق قىيىنچىلىقلار كۆرۈلدى؟ ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىدىكى يالقۇن ياسىن بۇ ھەقتە توختالغاندا تەپسىلىي چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دېدى:
- ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ، تەڭرىتاغ، سايباغ، يېڭىشەھەر رايونلىرىنىڭ كۆپ قىسىم يول بۆلەكلىرىدە موتوسىكلىتنىڭ قاتنىشى چەكلىنىدۇ، شەھەر ئەتراپىدىكى بەزى يول بۆلەكلىرىدە قاتنىسا بولىدۇ، ئەمما، چوقۇم يول بەلگە تاختىلىرىغا قاراپ مېڭىشى كېرەك. موتوسىكلىتلارغا  قانۇن ئىجرا قىلىشتا بىزمۇ توسالغۇغا ئۇچرايمىز، چۈنكى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش جەريانىدا رەسمىيەتسىز موتوسىكلىتلارنى توسۇساق، بىزدىن ئۈركۈپ قېچىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، ئۇنداق ۋاقىتلاردا ئۇلارنى قوغلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، ناۋادا قوغلاش جەريانىدا قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرسە، بۇ مەسئۇلىيەتنى بىز ئۈستىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك، شۇنىڭ ئۈچۈن بىزگىمۇ « باش ئاغرىقى» بولدى، ئەمما بىز ھەرگىزمۇ شەھەر ئىچىدە باشقۇرۇش سالمىقىنى بوشاشتۇرۇپ قويمايمىز، چۈنكى رەسمىيەتسىز موتوسىكلىتلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ يولغا چىقىشى بىلەن يىلدا خېلى كۆپ ئېغىر قاتناش ۋەقەلىرى يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئۈرۈمچىدە ۋېلسىپىت، توكسىكلىت قاتارلىق موتورسىز قاتناش ۋاستىلىرى مەخسۇس يولى يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى ماڭىدىغان يولدا موتورسىز قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ قاتنىشى چەكلىنىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرىدە تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرىنىڭ كۆپىيىشى ۋە تېز يەتكۈزۈش كەسپىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ توكسىكلىتلار كۆپەيدى. بىز باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش داۋامىدا ناۋادا توكسىكلىتلارنىڭ قاتنىشىنى پۈتۈنلەي چەكلىۋەتسەك، شەھەر ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتىگە تەسىر يېتىدۇ، چۈنكى تېز يەتكۈزۈش كەسپى تېز تەرەققى قىلىۋاتىدۇ، شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ خىزمەت قىلىۋاتقان ۋە بۇ مۇلازىمەتتىن مەنپەئەتلىنىدىغانلار كۆپ، بىز ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىشىمىز كېرەك، ئەمما بەك كەڭچىللىك قىلىۋەتسەڭ، توكسىكلىتلار خالىغانچە قاتنىسا، قاتناش ۋەقەلىرى ھەم قاتناشنىڭ توسۇلىشى تېخىمۇ ئېغىر بولىشى مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن قانۇن ئىجرا قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، مۇناسىۋەتلىك كارخانىلارنىڭ توكسىكلىت شوپورلىرى ھەم ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مۇتۇسىكلىت شوپورلىرىغا تەلىم- تەربىيە بېرىش، ماس ھالدا نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت دەرىسى ئۆتۈش، بىخەتەرلىك تەربىيەسى ئىشلەشنى كۈچەيتىۋاتىمىز. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمىتىمىزدە قانۇن بۇيىچە باشقۇرۇشنى ئىزچىل كۈچەيتىمىز، موتوسىكلىت ۋە توكسىكلىت ھەيدەيدىغان شوپۇرلارنىڭ قانۇن ئېڭى ۋە بىخەتەرلىك ئېڭىنى كۈچەيتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىمىز.
ئىگىلىنىشىچە، موتوسىكلىت چوقۇم نۇمۇر تاختىسى ئېسىلغان، شوپۇر چوقۇم موتوسىكلىت پراۋىسىنى ئالغان ئەھۋالدا يولغا چىقىشى كېرەك. موتوسىكلىتنىڭ پىراۋىسى، رەسمىيىتى تولۇق ھالدا چەكلەنگەن رايونلاردا قاتنىغان بولسا، قاتناش بەلگىسىگە خىلاپلىق قىلغان بويىچە ئۈچ نۇمۇر تارتىلىپ 200 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدىكەن؛ ئەگەر، پراۋىسىز ، رەسمىيەتسىز ئەھۋالدا چەكلەنگەن رايوندا قاتنىسا، شوپۇر پراۋىسىز موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلىكى ئۈچۈن 15 كۈن تۇتۇپ تۇرۇلۇپ، 200 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدىكەن. ئادەتتە خېلى كۆپ ساندىكى كىشىلەردە« توكسىكلىتنىڭ ھەرقاندىقى موتورسىز قاتناش ۋاستىسىگە تەۋە» دىگەن خاتا ئۇقۇم بار. دەل مۇشۇ خاتا ئۇقۇم سەۋەبىدىن بولسا كېرەك، كۆپ قىسىم توكسىكلىت شوپۇرلىرى بىلىپ- بىلمەيلا قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ قويىدۇ. ئۇنداقتا توكسىكلىت زادى قايسى تۈردىكى قاتناش ۋاستىسىگە تەۋە؟ پراۋا ئېلىش تەلەپ قىلىنامدۇ؟
ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىدىكى يالقۇن ياسىننىڭ چۈشەندۈرىشىچە، ئادەتتە توكسىكلىتلارنىڭ ئېغىرلىقى 40 كىلوگرامدىن، سائەتلىك سۈرئىتى 20 كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتسىلا موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىگە تەۋە بولىدىكەن، بۇنداق توكسىكلىتنى ھەيدەش ئۈچۈن چوقۇم موتوسىكلىت پراۋىسىنى ئېلىشقا توغرا كېلىدىكەن، خىلاپلىق قىلغۇچىلار موتورسىز قاتناش ۋاستىلىرىنى پىراۋىسىز ھەيدىگەنلەر قاتارىدا بىرتەرەپ قىلىنىدىكەن.
چۈشىنىش زۆرۈركى، چارە- تەدبىردە ھېچقاچان باشقىچە غەرەز بولمايدۇ. پەقەت خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش، ئامانلىقنى ساقلاش، شۇ ئارقىلىق ھەرقانداق ئادەمنىڭ ھەرقانداق ئىشتا «چەكلەنگەن رايون» غا كىرمەسلىكى تەشەببۇس قىلىنىدۇ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قاتناش بېسىمىنى يىنىكلىتىپ ، شەھەر پۇقرالىرىغا ئاۋات يول ئېچىش ئۈچۈن، قاتناش ساقچىلىرى ئۆزلىرىنى يوللارغا ئاتىۋەتتى، بىز باش قاتتۇرىدىغان ھەربىر قاتناش مەسىلىسى ئەڭ ياخشى «فورمۇلاسى» بىلەن يېشىلىۋاتىدۇ، بۈگۈن بىز ئوتتۇرىغا قويغان موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرى بىلەن موتورسىز قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ «ئىناق»، بىخەتەر قاتنىشى ئۈچۈنمۇ مۇكەممەللەشكەن باشقۇرۇش ئۇسۇلى ۋە ئەندىزىسى يولغا قۇيۇلۇپ بىز كۈتۈۋاتقان مەدەنىيەتلىك شەھەرگە خاس مەدەنىيەتلىك قاتناش كەيپىياتى شەكىللەنمەكتە.
جەمئىيەتنى بىر چوڭ ئائىلىگە ئوخشىتىش مۇمكىن، شۇ ئائىلە ئىناقلىق، قوللاش، يول قۇيۇش، چۈشىنىش بىلەن كۆكلەيدۇ، ئۇنداقتا چوڭ يولنىچۇ؟ چوڭ يولنىمۇ چوڭ ئائىلىگە ئوخشىتىش تامامەن مۇمكىن، مەيلى بىز قايسى قاتناش ۋاستىسىنى تاللايلى، پەقەت قانۇنلۇق يولغا چىققان بولساقلا، بۇ ئائىلىنىڭ ئەزالىرى ئۆز ئارا قوللاش، يول قۇيۇش، چۈشىنىش ۋە كۆيۈنۈش ئىستىكىدە بىر-بىرىنى ھىمايىسىگە ئالغان بولاتتى.
 

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى