قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

سۇغۇرتا شىركىتى قايسى خىل ئەھۋاللاردا تۆلەم بەرمەيدۇ

2017-08-09 18:30:43     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
1. يىللىق تەكشۈرتۈشنى ئۇنتۇپ قالغان ياكى تەكشۈرتمىگەن بولسا
ھەر قېتىم يىللىق تەكشۈرتىدىغان ۋاقىتتا دائىم ياكى ئۇنداق ياكى بۇنداق ئىشلار چىقىپ، ۋاقىت چىقىرالماي ئارقىغا سۆرەپ ئۇنتۇپ قالىمىز، ئاندىن ماشىنىدا سوقۇلۇپ كېتىش ئەھۋالى يۈز بېرىدۇ، سۇغۇرتا شىركىتىگە تېلېفون ئۇرىمىز، نەتىجىدە تەكشۈرۈپ كۆرۈپ سۇغۇرتا دائىرىسىدىن چىقىپ كەتكەن، تۆلەم بېرەلمەيمىز دېگەن جاۋابنى ئاڭلايمىز. سۈرۈشتۈرۈپ كەلگەندە بۇنىڭ سەۋەبى يىللىق تەكشۈرتمىگەنلىكتىن. سۇغۇرتا شىركىتى ئەلۋەتتە ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپمايدۇ، شۇڭا يىللىق تەكشۈرتۈشنى ۋاقتىدا قىلىشىمىز لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا سۇغۇرتا شىركىتى ھادىسە كۆرۈلسە مەسئۇل بولمايدۇ.
2. ماشىنا سۇغا چىلىنىپ قالغان ۋاقىتتا ماشىنىنى ئوت ئالدۇرغان بولسا
جەنۇبتىكى شەھەرلەردە يامغۇر كۆپ ياغىدۇ، ئەگەر كوچىلاردىكى سۇ چىقىرىش تۇرۇبىلىرى نورمال بولسا ماشىنا زەخمىگە ئۇچرىمايدۇ، ئەمما كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ماشىنا يامغۇر سەۋەبلىك سۇغا چىلىشىپ كېتىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ماشىنا ئىگىلىرى سۇغۇرتىغا قاتناشقانلىقىنى ئېسىگە ئېلىپ خاتىرجەم بولىدۇ ھەمدە ماشىنىنى ئوت ئالدۇرۇپ سۇدىن چىقىپ كەتمەكچى بولىدۇ.
بۇ ۋاقىتتا ماتور ئوت ئالمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن سۇغۇرتا شىركىتىگە تېلېفون ئۇرىدۇ، سۇغۇرتا شىركىتى يېتىپ كېلىپ ئەھۋالنى كۆرگەندىن كېيىن تۆلەم بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
3. ئۆزى ئايرىم سېتىۋېلىپ قۇراشتۇرغان ئۈسكۈنىلەر
يېڭى ماشىنا سېتىۋالغۇچىلار ماشىنىنىڭ چىرايلىق سىرتقى قىياپىتىگە قاراپ سۆيۈنگەن ھالدا يول باشلاش سىستېمىسى، ياڭراتقۇ، ئارقا قانات، ئېسىل بالون، بالون بېسىمىنى تەكشۈرگۈچ قاتارلىقلارنى ئورنىتىدۇ. ئەمما سۇغۇرتا شىركەتلىرى بۇ خىل ئۆزى قۇراشتۇرغان زاپچاسلار بۇزۇلسا تۆلەم بەرمەيدۇ. ھەتتا سۇغۇرتا شىركەتلىرى ئۆزى ئورنىتىۋالغان ئۈسكۈنە سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ھادىسىگىمۇ تۆلەم بەرمەيدۇ.
4. سۇغۇرتا شىركىتى زەخمىنى بېكىتمەي تۇرۇپ رېمونت قىلدۇرغان بولسا
ھادىسىدىن كېيىن سۇغۇرتا شىركىتىنى چاقىرىشقا ھورۇنلۇق قىلىپ، ئۆزى رېمونت قىلدۇرۇپ، «رېمونت تالونى، تالون، قاتناش ھادىسىسىنى بېكىتىش ئىسپاتى قاتارلىقلانى ئېلىپ بېرىپ سۇغۇرتا شىركىتىنى ئىزدىسەممۇ بولىدىغۇ» دەپ ئويلايدىغانلارمۇ يوق ئەمەس. ئەمما بۇ خىل ئەھۋالدا سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم بېرىشنى رەت قىلىدۇ.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى