قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئاۋىياتسىيە ئايروپىلانىدا يولۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان خادىم قوبۇل قىلىدىكەن

2017-08-10 13:28:07     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
ئىگىلىنىشىچە، جەنۇب ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى مۇشۇ ئاينىڭ 15- كۈنى ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئاۋىياتسىيە ئايروپىلانىدا يولۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان خادىم قوبۇل قىلىدىكەن، بۇ قېتىم ئادەم سانىغا چەك قويۇلمايدىكەن، بەزى شەرتلەر بوشاشتۇرۇلىدىكەن.1992-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 1999-يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە تۇغۇلغان، بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە مائارىپ مىنىستىرلىقى ئېتىراپ قىلغان ئالىي تېخنىكوم ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئېرىشكەنلەر ياكى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانى، زامانىۋى يىراق مۇساپىلىك تور مائارىپى، چوڭلار ئالىي مائارىپى قاتارلىق پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە بولمىغان ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغانلار تىزىملاتسا بولىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، جەنۇب ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى مۇشۇ ئاينىڭ 15- كۈنى ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئاۋىياتسىيە ئايروپىلانىدا يولۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان خادىم قوبۇل قىلىدىكەن، بۇ قېتىم ئادەم سانىغا چەك قويۇلمايدىكەن، بەزى شەرتلەر بوشاشتۇرۇلىدىكەن.
1992-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 1999-يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە تۇغۇلغان، بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە مائارىپ مىنىستىرلىقى ئېتىراپ قىلغان ئالىي تېخنىكوم ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئېرىشكەنلەر ياكى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانى، زامانىۋى يىراق مۇساپىلىك تور مائارىپى، چوڭلار ئالىي مائارىپى قاتارلىق پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە بولمىغان ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغانلار تىزىملاتسا بولىدىكەن.
بۇ قېتىم تەكلىپ قىلىنىدىغان قىزلارنىڭ بوي ئېگىزلىكى 163 سانتىمېتىردىن 175 سانتىمېتىرغىچە، ئوغۇللارنىڭ بوي ئېگىزلىكى 175 سانتىمېتىردىن 185 سانتىمېتىرغىچە بولۇشى كېرەككەن. بۇ قېتىمقى تەكلىپ قىلىشتا نەق مەيدانغا بېرىپ تىزىملىتىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدىغان بولۇپ، تىزىملىتىش ۋە دەسلەپكى سىناق نۇقتىسى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدىكى جەنۇب ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى مەدەنىيەت مەركىزىدە ئىكەن.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى