قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كەلگۈسى ئۈچ كۈندە شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا يەنىلا ئىسسىق بولىدىكەن

2017-08-10 13:30:21     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
8- ئاينىڭ 7-كۈنى باش كۈز مەۋسۇمى كىرگەن كۈن. بۇ تومۇز ياز ئايلىرىنىڭ ئاخىرلىشىپ، كۈز ئايلىرىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەمما باش كۈز يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ، كۈز پەسلى رەسمىي يېتىپ كەلگىنى يوق. كەلگۈسى ئۈچ كۈندە شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا يەنىلا ئىسسىق بولىدىكەن.
 مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقى، تۇرپان-پىچان-توقسۇن ئويمانلىقى، قومۇل ۋە شىمالىي شىنجاڭنى بويلىغان تەڭرىتاغ ئەتراپلىرىدىكى قىسمەن رايونلاردا تېمپېراتۇرا℃35 تىن يۇقىرى بولىدىكەن، تۇرپان-پىچان-توقسۇن ئويمانلىقىدىكى بىر قىسىم رايونلاردا تېمپېراتۇرىنىڭ℃40 تىن ئېشىشىمۇ مۇمكىن ئىكەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى تارقاتقان ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ 11- كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدا ھاۋا ئاساسەن ئوچۇق بولۇپ تېمېپراتۇرا ئۆرلەپ يۇقىرى تېمپېراتۇرا℃35 بولىدىكەن. ئەمما، مۇشۇ ئاينىڭ 12-، 13- كۈنىلىرى، ئۈرۈمچى شەھەر رايونى، مىچۇەن-كۆكتاغ رايونىدا ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدىكەن. جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى رايونى ۋە تاغلىق رايونلاردا ئوتتۇرھال ياكى قاتتىق يامغۇر يېغىپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدىكەن.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى