قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

زامانىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىگە كونا ئادەت بويىچە مۇئامىلە قىلمايلى

2017-08-10 13:32:20     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 دېڭ جيەنشىن

شىجياجۇاڭ شەھىرىنىڭ يۈخۇالۇ يولىدا يېقىندا بىر ئاپتوموبىلنىڭ شوپۇرى پىيادىلەر سىزىقىدىن ئۆتۈۋاتقانلارغا يول بېرىش ئۈچۈن سۈرئەتنى ئاستىلاتقان. ئۇنىڭ كەينىدىن كېلىۋاتقان «ئاۋدى» ماركىلىق ئاپتوموبىلنىڭ شوپۇرى بۇنىڭدىن نارازى بولۇپ، قايتا- قايتا سىگنال بەرگەن ھەم ئاپتوموبىلدىن چۈشكەن پېتى ئۇنى ئۇرۇپ كەتكەن. ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ساقچى تەرەپ ئادەم ئۇرغان بۇ شوپۇرنى قولغا ئالغان. ۋۇخەن شەھىرىنىڭ تيەنخې ئايروپورتىدا بىر ئايال يولۇچى ئايروپىلان كېچىككەنلىك سەۋەبىدىن، ئايروپىلان خادىملىرىنى ئۇرغان. ساقچى تەرەپ بۇ ئايال يولۇچىغا ئون كۈنلۈك مەمۇرىي تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بەرگەن.
دۆلىتىمىزنىڭ ۋېلىسىپىت ئىشلىتىلىدىغان چوڭ دۆلەتتىن ئاپتوموبىل ئىشلىتىلىدىغان چوڭ دۆلەتكە ئايلانغىنىغا 20- 30 يىللار بولدى. بۇ جەرياندا قاتناش تەرەققىي قىلىپ، پۇقرالارنىڭ سەپەر قىلىشىغا مىسلىسىز قولايلىق يارىتىلدى. ھالبۇكى، قاتناش تېز تەرەققىي قىلغان بىلەن ئاممىنىڭ زامانىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىگە بولغان تونۇشى ماس قەدەمدە ئۆسكىنى يوق. يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ھەدېسىلا يولنى ئۆزگەرتىپ قىستىلىپ كىرىۋالىدىغان، جىددىي ئەھۋالدا ئىشلىتىلىدىغان يولنى ئىگىلىۋالىدىغان، كېچىدە يىراقنى يورۇتىدىغان چىراغنى ئۇزاققىچە ئۆچۈرمەيدىغان، پىيادىلەرگە يول بەرمەيدىغان، پويىزغا ئولتۇرغاندا ۋاگوندا يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلىشىدىغان، ئەخلەتنى قالايمىقان تاشلايدىغان، ئايروپىلانغا ئولتۇرغاندا ئايروپىلان قوزغىلىدىغان ۋە قونىدىغان چاغدا ئېلېكتىرونلۇق ئەسۋابلارنى ئېتىۋەتمەيدىغان، قاتناش ۋاسىتىلىرىگە پوجاڭزا قاتارلىقلارنى ئېلىپ چىقىدىغان ئەھۋاللار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەنىلا كۆرۈلۈپ قالدى. بۇ ئەھۋاللار نۇرغۇن كىشىنىڭ زامانىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىگە كونا ئادەت بويىچە مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
پىيادە مېڭىش، ئۇلاق كۈچى، ۋېلىسىپىت ئاساسلىق سەپەرگە چىقىش ۋاسىتىسى قىلىنىدىغان يىللاردا شەخسنىڭ قاتناش ۋاسىتىسىدىكى ھەرىكىتى باشقىلارنىڭ مەنپەئىتى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاشىلا قىلمايتتى. لېكىن ئاپتوموبىل، پويىز ۋە ئايروپىلان ئاساسلىق سەپەر ۋاسىتىسى قىلىنغان زامانىۋى جەمئىيەتتە شەخسنىڭ قاتناش ۋاسىتىسىدىكى ھەرىكىتى جامائەت بىخەتەرلىكى ۋە تەرتىپىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىگىمۇ چېتىلىدۇ. مەسىلەن: يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ھەدېسىلا يولنى ئۆزگەرتكەن، جىددىي ئەھۋالدا ئىشلىتىلىدىغان يولنى ئىگىلىۋالغان، كېچىدە يىراقنى يورۇتىدىغان چىراغنى ئۇزاققىچە ئۆچۈرمىگەندە، ئۆزىنىڭلا ئەمەس، باشقىلارنىڭ بىخەتەرلىكىمۇ ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرايدۇ؛ يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز ۋاگونىدا يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەشكەندە، باشقىلارنىڭ ئارام ئېلىشىغا تەسىر يېتىدۇ؛ ئايروپىلان قوزغىلىدىغان ۋە قونىدىغان چاغدا ئېلېكتىرونلۇق ئەسۋابلارنى ئېتىۋەتمىگەندە، ئايروپىلاندىكى بارلىق يولۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يېتىدۇ. قاتناشقا دائىر قانۇن ۋە بەلگىلىمىلەرنى ئىنچىكە تۈزگەن تەقدىردىمۇ، كىشىلەر ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىگە ئولتۇرغاندا، ئىشلارغا جامائەت قارىشى بويىچە مۇئامىلە قىلمىسا، كونا ئادەتلەر زامانىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىدە كۆرۈلۈۋېرىشى مۇمكىن.
شەخسىي ئاپتوموبىل، ئاممىۋى ئاپتوموبىل ۋە پويىز، ئايروپىلان بىلەن سەپەر قىلىش كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان بۈگۈنكى جەمئىيىتىمىزدە، ھەممەيلەن ئۆزىمىزگە قولايلىق بولۇشنىلا ئويلىماي، باشقىلارغا قولايلىق بولۇشنىمۇ ئويلىشىمىز، ئۆزىمىزنىڭ، باشقىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئويلىشىمىز، قاتناشقا ئالاقىدار قانۇن- بەلگىلىمىلەرگە زامانىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىگە لايىق زامانىۋى ئىدىيە ۋە تونۇش بىلەن ئاڭلىق رىئايە قىلىشىمىز لازىم.
 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى