قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۆزىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ

2017-08-10 13:41:05     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
نۆۋەتتە جەمئىيەتتە مۇنداق بىر خىل ھادىسە مەۋجۇت: ئايالىنىڭ ئەسلىدە يامان ئەمەس خىزمىتى بار، ئەمما مۇھەببەت ئۈچۈن قەتئىيلىك بىلەن ئۆز خىزمىتىدىن ۋاز كېچىپ، ئائىلە ئايالى بولۇپ، ئېرىگە بىر ئىللىق ئائىلىنى قۇرۇپ بەردى، ئېرىگە ھېچقانداق غەم-ئەندىشىسىز ئۆز كەسپى ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان پۇرسەت يارىتىپ بەردى. بىر نەچچە يىللاردىن كېيىن ئېرى كەسىپتە ئۇتۇق قازاندى، ئەمما ئېرى بىلەن جاپا-مۇشەققەتنى تەڭ تارتىدىغان خوتۇن سەت كۆرۈنۈشكە باشلىدى، ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن ئاجراشتى، بۇ چاغدا تاشلىۋىتىلگەن بىر تەرەپ، ئۆزىدىن «نېمە ئۈچۈن» دېگەن سوئالنى سوراپ بېقىشى كېرەك. ئەمەلىيەتتە جاۋاب بەك ئاددىي: ئېرىڭىزنى ھەددىدىن زىيادە ياخشى كۆرۈۋېتىپ، ئۆزىڭىزنى سۆيۈشكە پۇرسەت بەرمىدىڭىز.
ئۆز كەسپىڭىزنى تاشلىغاندىن باشلاپ ئېرىڭىز سىزنى بېقىشقا باشلىدى، شۇڭا ئۇنىڭ سىز بىلەن كارى بولمايدۇ. سىزنى ھۆرمەت قىلمايدۇ، سىز ئەتىگەندىن كەچكىچە ئۆي ئىشلىرى، بالىلىرىڭىزنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ئۆزىڭىز بىلەن قىلچە كارىڭىز بولمىدى، بۇرۇنقى قىياپىتىڭىزنى يوقاتتىڭىز، ئۇنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىيالماس بولۇپ قالدىڭىز، سىز ئۇنىڭغا بويسۇنۇشتىن باشقا، ئۆزىڭىزنىڭ مۇستەقىل خاسلىققا ئىگە ئىنسان ئىكەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالدىڭىز، ئۇنىڭ سىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىڭىزغا سەل قارىشىغا مەيلى دېدىڭىز، ئۇنى بارغانسىرى ئۆزىنى مەركەز قىلىۋالىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىۋەتتىڭىز، مۇھەببەت باراۋەرلىك ئاساسىغا قۇرۇلغان،باراۋەرلىك بولغاندىلا مۇھەببەت بولىدۇ. ئەگەر ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز ئۇنىڭ خىزمەتكارى، بالا باققۇچىسى دەپ تۆۋەن كۆرسىڭىز، ئۇ يەنە قانداقمۇ سىزنى سۆيسۇن؟ ھۆرمەت قىلسۇن؟ چۈنكى ئەرلەر ئۆز ئايالىنىڭ ساھىبجاماللاردىن بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىپلا قالماي بەلكى يەنە قەيسەر بولىشىنىمۇ ئۈمۈد قىلىدۇ.
ئۆزىنى ھەددىدىن زىيادە بېغىشلىۋىتىپ ئۆزىنى ئۇنتۇپ قېلىش ئاياللار مۇھەببەتتە، نىكاھتا دائىم سادىر قىلىدىغان خاتالىق. بىر ئادەمنى ھەددىدىن زىيادە ياخشى كۆرگەنلىكتىن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەنسىرەپ، ئۇنىڭ غېمىنىلا يەپ، ئۇنىلا مەركەز قىلىپ، ئۆزىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. خۇددى پەرۋانە ئوتقا ئۆزىنى ئۇرغاندەك ھېچنىمگە قارىمايدۇ. ئۇنى يامان ئۆگىتىۋېتىپ ئۆزى زىيان تارتىدۇ. ئەرنىمۇ رازى قىلالمايدۇ. ئەرگە نەپەسلىنىدىغانغا بوشلۇقمۇ بەرمەيدۇ. ئۆزىگىمۇ ئىمكانىيەت قالدۇرمايدۇ.
مۇھەببەت ھەقىقەتەن ئادەمنى لەرزىگە سالىدۇ، لېكىن ئېرىڭىزمۇ سىزنى شۇنداق ياخشى كۆرۈپ ئۆتسە، ئەڭ بولمىغاندا مۇھەببىتىڭىزنى قەدىرلەپ، سىزنى ئازابقا ئىتتىرمىسە بۇ ئەلۋەتتە ياخشى ئىش. ئەمما ئەھۋال دەل بۇنىڭ ئەكىسچە، رېئاللىقىتا پەقەت مۇھەببەتنى ئاتا قىلىشلا يېتەرلىك ئەمەس. ئېرىڭىزنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مۇھەببىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئىنساپ تىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئۆزىڭىزنى ئېرىڭىز بىلەن باراۋەر ئورۇنغا قويۇڭ. ئامېرىكىنىڭ ئاتاقلىق يازغۇچىسى ھېمىڭۋاينىڭ مۇنۇ گېپىنى ئويلىشىپ بېقىڭ: «ئۆلسىمۇ نىيىتىدىن يانمايدىغان دەرىجىدە ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغانچە، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچنىمىنى ئايىمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەنچە، ئۇ شۇنچە كۆرەڭلەيدۇ. سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىزنى تۆۋەن كۆرىدۇ، ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇرۇلۇپلا باشقا مۇھەببەتنى ئىزدەش ئۈچۈن كىتىپ قالىدۇ.»
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاياللار ئۆزىمىزنىمۇ ئۇنتۇپ قالمايلى، ئۆزىمىزنى سۆيىدىغانغا ئىككى ئۈلۈش مۇھەببەت ئېلىپ قويايلى. شۇنداق مۇھەببەتلا ساغلام مۇھەببەت ھېسابلىنىدۇ. مۇھەببەت ھۆرمەت قىلىش، زوقلىنىش قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللارغا ئىگە. سىز ئېرىڭىزنى پۈتۈنلەي ۋۇجۇدىڭىز بىلەن سۆيۈپ، ئۆزىڭىزنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ قويغاندىن كېيىن سۆيۈلۈشتىنمۇ مەھرۇم قالىسىز. ياكى ئىقتىسادىڭىز ياكى روھىي مۇستەقىللىقىڭىز ياكى باشقا ئارتۇقچىلىقىڭىز بولمىسا نېمىڭىز بىلەن ئېرىڭىز جەلىب قىلىسىز؟
مۇھەببەت ئۇلۇغ، مۇھەببەت ئۈچۈن بەدەل تۆلىسەك بولىدۇ، مۇھەببەت ئۈچۈن ھەممىنى سىغدۇرساق قورقۇشنى بىلمىسەكمۇ بولىدۇ، ئەمما ئۆزىمىزنى يوقۇتۇپ قويساق بولمايدۇ. ھەرقانداق جاي، ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۆزىمىزگە ئىككى ئۆلۈش سۆيگۈ ئېلىپ قويايلى، ئەرلەرنى مۇھەببەتتىن سەكسەندۈرۋەتمەيلى!
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى