قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2017-08-10 12:46:21     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى فىلىپپىننىڭ زۇڭتۇڭى دۇتېرتقا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. تېلېگراممىنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:
  شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن سىزنى ھەم سىز ئارقىلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.
  شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى قۇرۇلغان يېرىم ئەسىردىن بۇيان، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ ھەم ئورتاق گەۋدە قۇرۇپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشتا مۇھىم رول ئويناپ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش تەرەققىياتىدىكى ۋەكىللىك كۈچ بولۇپ قالدى. جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق گەۋدە قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ زور يېڭى تەرەققىياتلارغا ئېرىشىپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىدىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت- سائادەت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
  جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى 1991- يىلى سۆزلىشىش مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن بۇيان، ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات باش تېمىسىدا چىڭ تۇردى، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، ئەمەلىي ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو- شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۆزلىشىش ھەمراھلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ ھاياتىي كۈچكە تولغان، ئەڭ مول مەزمۇنلۇق مۇناسىۋەت بولۇپ قالدى.
  جۇڭگو سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، كەڭ قورساق بولۇش ئىدىيەسىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، 2018- يىلى جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشقان جۇڭگو- شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇپ، ئۇنى ئاسىيا تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئۈلگىسى قىلىشنى خالايدۇ.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى