ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئىچكى موڭغۇلدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكىلەر ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدى

2017-08-10 12:47:27     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى ، يۈ جېڭشېڭ تەبرىكلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆزقىلدى

 
 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كۆكخوت، 8- ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. 70 يىللىق مول نەتىجە، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسى. ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى 8- ئاينىڭ 8- كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق ئاز سانلىق مىللەت ئاممىۋى مەدەنىيەت- تەنتەربىيە مەركىزىدە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى يۈ جېڭشېڭ تەبرىكلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
  بوستانلىق شەھەر كۆكخوت ئىنتايىن گۈزەل تۈسكە كىرىپ، ھەممە يەردە رەڭدار بايراقلار جەۋلان قىلىپ، شاد- خۇرام بايرام كەيپىياتىغا چۆمگەنىدى. بايراملىق كىيىملىرىنى كىيگەن ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىن بولغان 12 مىڭدىن كۆپرەك كادىر، ئامما مەدەنىيەت- تەنتەربىيە مەركىزىگە يىغىلىپ، كاتتا بايرامنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى. كاتتا يىغىن مەيدانىدا «گۈزەل ئىچكى موڭغۇل قۇرۇپ، ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەن شوئار يېزىلغان پىلاكات كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى، يىغىن مەيدانىغا موڭغۇلچە ۋە خەنزۇچە ئىككى خىل يېزىقتا «يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن كۈتۈۋالايلى» دېگەن لوزۇنكا ئېسىلغانىدى، يىغىن مەيدانى ئادەملەرگە لىق تولغانىدى.
  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى بۇ شياۋلىن چۈشتىن كېيىن سائەت 4تە يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە قىپقىزىل بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستا- ئاستا كۆتۈرۈلدى.
  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە باش كاتىپ ليۇ يەندۇڭ يىغىندا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئەۋەتكەن تەبرىك تېلېگراممىسىنى ئوقۇدى.
  يۈ جېڭشېڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تىلەكلىرىنى ئېلىپ بۇ يەرگە كېلىپ، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىللە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىمەكتە. مەن ئالدى بىلەن ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، ئىچكى موڭغۇلدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ۋە ھەر ساھەدىكى زاتلار، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا تۇرۇشلۇق قىسىمىدىكى كوماندىر- جەڭچىلەر، ئىچكى موڭغۇلدىكى قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر- ئەسكەرلىرى ۋە سىياسىي- قانۇن كادىر- ساقچىلىرىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن؛ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ تەرەققىياتى ۋە يۈكسىلىشىگە كۆڭۈل بۆلگەن ۋە قوللىغان بارلىق يولداشلار، دوستلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن ۋە چىن كۆڭلۈمدىن تەشەككۈر ئېيتىمەن.
  يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: 70 يىل ئىلگىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلدى. بۇ، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى جۇڭگو ئىنقىلابى، جۇڭگودىكى مىللەتلەرنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇلۇغ يېڭىلىق، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى تەرەققىيات يېڭى دەۋرىنى باشلىدى، بۇ، دۆلىتىمىزدە مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۈلگىسى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتى تارىخىدا شانلىق سەھىپە يارىتىلدى. 70 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئىچكى موڭغۇلنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى ھالقىما تەرەققىياتقا ئېرىشىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقىدەك شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، ئۇل ئەسلىھەلەر زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، خەلقنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن- كۈنگە ياخشىلاندى، مىللىي مەدەنىيەت گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ئىتتىپاق، ئىناق بولدى، پارتىيە قۇرۇلۇشى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىدى. بۇ، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى غايەت زور ھالقىش، مىللىي مەسىلىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىش توغرا يولىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى.
  يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى 70 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر يولداش ماۋ زېدۇڭ، يولداش دېڭ شياۋپىڭ، يولداش جياڭ زېمىن يادرولۇقىدىكى پارتىيەنىڭ ئۈچ ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى ۋە يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردىكى غەمخورلۇقى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشى، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ خىزمىتىگە كۆڭۈل قويۇپ يېتەكچىلىك قىلىشى، ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سەمىمىي ياردىمى ۋە ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بوشاشماي كۈرەش قىلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشتە چوقۇم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مىللىي مەسىلىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىش توغرا يولىدا، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتا، دۆلەتنىڭ مەنپەئىتى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.
  يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېلىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا قەدەم قويدى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىمۇ تەرەققىياتنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ، 4- ، 5- ، 6- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، چېگرا رايوننى مۇستەھكەملەپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىدا يارقىن مەنزىرە يارىتىپ، «گۈزەل ئىچكى موڭغۇل قۇرۇپ، ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇش» ئۈچۈن تېخىمۇ زور يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىدۇ.
  يۈ جېڭشېڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: 70 يىللىق ئۇلۇغ ئەمەلىيەت ۋە قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر تارىخ سەھىپىسىگە يېزىلدى، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى داۋاملىق ئورتاق يارىتىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سىياسەت- فاڭجېنلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىچكى موڭغۇلنىڭ يېڭى تەرەققىيات نەتىجىلىرى بىلەن پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا غەلىبە قازىنىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.
  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى لى جىخېڭ يىغىندا مۇنداق دېدى: مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چوڭقۇر مېھىر- مۇھەببىتى ھەم پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ گۈزەل تىلەكلىرىنى ئېلىپ كەلدى. بىز جەزمەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، «تۆت ئاڭ»نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم سىياسەت- فاڭجېنلىرى ۋە قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، «گۈزەل ئىچكى موڭغۇل قۇرۇپ، ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش» ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى تۆھپە قوشۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي چېگراسىدىكى بۇ مەنزىرە رايونىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇشىمىز كېرەك.
  موڭغۇل ئاممىنىڭ ۋەكىلى سىچىنبات ۋە خەنزۇ ئاممىنىڭ ۋەكىلى گو شياۋخۇڭمۇ يىغىندا سۆز قىلدى.
  ئارقىدىن داغدۇغىلىق ئاممىۋى ئويۇن قويۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. ئويۇن «گۈزەل ئىچكى موڭغۇل»، «يايلاق مېلودىيەسى»، «جۇڭگو ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇش»تىن ئىبارەت ئۈچ سەھىپىگە بۆلۈنۈپ، ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ گۈللەپ ياشنىشى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىغا ئورتاق تىلەكداشلىق بىلدۈرۈلدى.
  مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ليۇ يەندۇڭ، سۈن چۈنلەن، جاڭ پىڭ، ۋاڭ جېڭۋېي، جاڭ ياڭ ۋە مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بارلىق ئەزالىرى، شۇنىڭدەك ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى 

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى