قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جىڭ ناھىيەسىدە 6.6 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن يەر تەۋرەش، ئوت ئۆچۈرۈش، خەلق ئىشلىرى، سەھىيە قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار تېزلىكتە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا تەشكىللىنىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇردى

2017-08-11 17:45:57     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
ئىستانسىمىز خەۋىرى:
جىڭ ناھىيەسىدە 6.6 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن يەر تەۋرەش، ئوت ئۆچۈرۈش، خەلق ئىشلىرى، سەھىيە قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار تېزلىكتە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا تەشكىللىنىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇردى.
چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، جىڭ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ بالنىتسا بۆلۈمىدە، دوختۇر يەر تەۋرەشتە پۇتى زەخمىلەنگەن جىن ليۇجۇڭنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى باھالاپ، ئوپېراتسىيەگە تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. جىن ليۇجۇڭ مۇنداق دېدى:- پۇتۇمدىكى ئىششىق يانسىلا ئوپېراتسىيە قىلىدىغان بولدى. سائەت 5تىن ئاشقاندا يەر تەۋرەشتە پۇتۇم زەخمىلەندى، 10 نەچچە مىنۇتتىن كېيىنلا، داخىيەنزى شىپاخانىسىغا ئېلىپ كېلىندىم. ئىشىك ئالدىدىلا ئوكۇل ئۇرۇپ، جىددىي قۇتقۇزغاندىن كېيىن ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ رېنتېگېنغا چۈشۈردى.
  يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى دەرھال كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونتىرول قىلىش مۇتەخەسسىسلىرى، نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر ۋە سۆڭەك بۆلۈمىنىڭ مۇتەخەسسسىلىرىنى تەشكىللەپ، جىڭ ناھىيەسىگە يارىدارلارنى قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتتى. ھازىرغا قەدەر، يەر تەۋرەشتە يارىلانغان 32 ئادەمنىڭ ھەممىسى يەرلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا ۋاقتىدا داۋالاندى.
8-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بورتالا ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى تەشكىللەپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا ئاپەت رايونىغا قايتىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئۆيلىرىدىكى قىممەت باھالىق بۇيۇملارنى يۆتكىدى. بورتالا ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتىنىڭ باشلىقى بەي رۇجياڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:- مۇشۇ ئاينىڭ 9- كۈنى سەھەر سائەت 5 تىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، تارماق ئەترىتىمىز قۇتقۇزۇش كۈچلىرىنى تەشكىللەپ، ئاپەت نەق مەيدانىغا بېرىپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. قاپسىلىپ قالغان كىشىلەرنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تېزلىكتە قانات يايدۇرۇپ، ئىككىلەمچى ئاپەت يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالدۇق. ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بويىچە تەكشۈرۈپ، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش تەشۋىقاتى ئېلىپ باردۇق. گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئۆيىدىكى مال-مۈلۈكنى يۆتكىدۇق.
نۆۋەتتە ئاپتونوم رايون ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىدىن 5 مىليون يۈەن ئاجراتتى. خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى 1500 چېدىر، شىنجاڭ قىزىل كىرىست جەمئىيىتى 500 يوتقان يەتكۈزۈپ بەردى. ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش چېدىرى تىكىش، يەسلى، مەكتەپ، كەنت دەرىجىلىك مەدەنىيەت بازىلىرىنى ئاجرىتىش قاتارلىق شەكىللەردە، ھەر مىللەت ئاممىدىن 10 مىڭ 500 كىشى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
چۈش سائەت 11دە، جىڭ ناھىيە تولى بازىرى ئۇلان دانداغاي كەنتىنىڭ مەدەنىيەت سارىيى مەيدانىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا قويۇق ئىس كۆتۈرۈلۈپ، كەنت ئاھالىلىرى ئۈستەللەرنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، چۈشلۈك تاماق يېيىشكە تەييارلاندى. ئۇلان دانداغاي كەنتىنىڭ ئاھالىسى بۇيىندېگرى مۇنداق دېدى:- بۇ يەرگە يىغىلىپ بىر سائەتتىن كېيىنلا چېدىرلار ئېلىپ كېلىندى، نۇرغۇن ئادەم بىزگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەپتۇ. تاماقنىمۇ مۇشۇ يەردە ئېتىۋاتىدۇ. بۈگۈن چۈشتە پولو يەيمىز، ناشتىلىققا سەي قورۇپ بەردى، ئەتكەن چاي، ھور نان بىلەن يېدۇق.
 نۆۋەتتە ئاپەت رايونىنىڭ ئالاقە، سۇ، گاز، توك بىلەن تەمىنلەش ئىشلىرى نورماللاشتى. ئاپەتكە ئۇچرىغا ئاممىنىڭ ھەممىسى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەر تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا.
تەرجىمان: نازىم
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى