قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كۆكتوقاي دۆلەت گېئولوگىيە باغچىسىنىڭ دۇنيا گېئولوگىيە باغچىلىرى تىزىملىكىگە كىرىشىنى رەسمىي تەستىقلاپ، شىنجاڭدا دۇنيا گېئولوگىيە باغچىسى بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بەردى

2017-08-11 17:48:58     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
ئىستانسىمىز خەۋىرى:
بۇ يىل 5- ئايدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ پەن مەدەنىيەت ئورنى كۆكتوقاي دۆلەت گېئولوگىيە باغچىسىنىڭ دۇنيا گېئولوگىيە باغچىلىرى تىزىملىكىگە كىرىشىنى رەسمىي تەستىقلاپ، شىنجاڭدا دۇنيا گېئولوگىيە باغچىسى بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بەردى. نۆۋەتتە، كۆكتوقاي ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار تارماقلار ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، كۆكتوقاي دۆلەت گېئولوگىيە باغچىسىنى بۇرۇنراق گېئولوگىيە پەنلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشماقتا.
كۆكتوقاي دۇنيا گېئولوگىيە باغچىسى ئۆزگىچە ئالتاي گرانت تاش يەر شەكلى، جىلغا يەر شەكلى، دۇنيا دەرىجىلىك كىرىستالسىمان ئاز ئۇچرايدىغان مېتال كان خارابىسى ۋە يەر تەۋرەش ئۈزۈلمە بەلبېغى خارابىسى بىلەن تونۇلغان. نۆۋەتتە گېئولوگىيە باغچىسى ئېچىلىشتىن بۇرۇنقى تۈرلۈك خىزمەتلەر تېز ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. كۆكتوقاي مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇۋ جۇڭفېڭ مۇنداق دېدى:- كۆرسەتكۈچ تاختىلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئابىدە مەيدانىنى لايىھەلەپ، تور ئاسراش ۋە باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈۋاتىمىز.
كۆكتوقاي مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى يەنە سىچۇەن ئۆلكىلىك گېئولوگىيە كان بايلىقلىرىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئەترىتى بىلەن كۆكتوقاي دۇنيا گېئولوگىيە باغچىسىنى ئېچىش تېخنىكا مۇلازىمەت توختامى تۈزدى. پىلان بويىچە بۇ يىل 9- ئاينىڭ ئاخىرلىرى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈش ۋە باغچا ئېچىشتىن بۇرۇنقى تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى تاماملىنىپ، 10- ئايدا كۆكتوقاي دۇنيا گېئولوگىيە باغچىسىنى رەسمىي ئېچىشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت زېمىن بايلىقى نازارىتى گېئولوگىيەلىك مۇھىت باشقارمىسىنىڭ باشلىقى دۇ شىباۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:- دۇنيا گېئولوگىيە باغچىسى دېگەننىڭ ئۆزىلا داڭلىق نام كارتىسى. كېيىنكى قەدەمدە دۆلەت زېمىن بايلىقى نازارىتى دۆلەت ئىچى ياكى دۇنيادىكى تەسىر كۈچى بار پەن تەتقىقات ئەترەتلىرىنى تەشكىللەپ، بىر قاتار پەن تەتقىقات پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ رايون خاراكتېرلىك كان ئېچىش ۋە كان ئىزدەش ئەندىزىسى تەتقىقاتىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە پەننىي بىلىمنى ئومۇملاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.
تەرجىمان: نازىم
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى