قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاتۇش شەھىرى قاراجۈن يېزا ئوتتۇرا قاراجۈن كەنتىدىكى 60 ئايال شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنۋېرسىتېتىدىكى كەشتىچىلىك كۇرسىنى تاماملاپ، يۇرتىغا قايتتى

2017-08-11 17:50:36     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
8-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئاتۇش شەھىرى قاراجۈن يېزا ئوتتۇرا قاراجۈن كەنتىدىكى 60 ئايال شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنۋېرسىتېتىدىكى كەشتىچىلىك كۇرسىنى تاماملاپ، يۇرتىغا قايتتى.
شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنۋېرسىتېتى گۈزەل-سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ كەشتىچىلىك سىنىپىدا، مۇخبىر بۇ 60 نەپەر يېزا ئايالى ئىشلىگەن كەشتە بۇيۇملىرىنى كۆردى. نەقىشلەر نەپىس، تىكىلىشى سىپتا بولۇپ، كەسپىي ھۈنەرۋەنلەرنىڭ قولىدىن چىققانلىقى مەلۇم بولۇپ تۇراتتى. كەنت ئاھالىسى جۈمەگۈل تۇرغان مۇنداق دېدى:- ئالىي مەكتەپكە كېلىپ كەسپىي كەشتىچىلىك بىلىملىرىنى ئۆگىنىشنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم. ئوقۇتقۇچىلار بىزگە قانداق نۇسخا ئېلىش ۋە رەڭ بېرىشنى، شۇنداقلا تۈرلۈك كەشتىچىلىك ماھارەتلىرىنى ئۆگەتتى. كەسپىي تېخنىكا ئۆگىنىپ بەك خۇش بولدۇق.
بۇ قېتىملىق تەربىيەلەش كۇرسىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئاتۇش شەھىرى قاراجۈن يېزا ئوتتۇرا قاراجۈن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئالاقىلىشىپ تەشكىللىگەنىدى. خىزمەت ئەترىتى كەنتتە ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا، يەرلىكتىكى كۆپ قىسىم ئايالنىڭ كەشتىچىلىكتىن خەۋىرى بارلىقى، لېكىن ئۇلارنىڭ كەشتىچىلىكىدە پوسۇنى كونا بولۇش، سېتىش يوللىرى راۋان بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغانلىقىنى بايقىغانىدى. شۇ سەۋەبتىن خىزمەت ئەترىتى كۆپ تەرەپتىن ماسلاشتۇرۇپ، كەنتتىكى 60 ئايالغا شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنۋېرسىتېتىغا بېرىپ تەربىيەلىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنۋېرسىتېتى گۈزەل-سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ لېكتورى نىياز ھاجى مۇنداق دېدى:- بىر مەزگىل ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ رەڭ ماسلاشتۇرۇشى، كۆز قارىشى ۋە كەشتىچىلىك ماھارىتىدە زور ئىلگىرىلەش بولدى. ئۇلار قايتىپ بارغاندىن كېيىن نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، بازارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرالايدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئاتۇش شەھىرى قاراجۈن يېزا ئوتتۇرا قاراجۈن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى جەي شاۋيۇڭ مۇنداق دېدى:- كېيىنكى قەدەمدە كەنتتىمۇ مۇشۇ خىلدىكى تەربىيەلەش كۇرسىنى ئېچىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاياللارنى يېتەكلەيمىز. خىزمەت ئەترىتىمىز ئۇلارنىڭ ھەمكارلىق كوپېراتىپى قۇرۇشىغا قولايلىق يارىتىپ، ھەمكارلىق كوپېراتىپىنى بۇرۇنراق قۇرۇش ئارقىلىق، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا يېڭى يول ئاچماقچى.

تەرجىمان: نازىم

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى