قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جىڭ ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەشتە ساياھەتچىلەر يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى

2017-08-11 18:24:03     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 مۇخبىرىمىز خاسىيەت جۈمەنىڭ 8- ئاينىڭ 9- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتىدىن ئۇقۇشىچە، دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، جىڭ ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن 6.6 بال يەر تەۋرەشتە بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تەۋەسىدە ساياھەتچىلەر يارىلىنىش، ساياھەت مەنزىرە رايونى ۋە مېھمانسارايلارنىڭ ئەسلىھەلىرى بۇزۇلۇش، ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ يول بۆلەكلىرى ۋە ئالاقىلىشىش ئەسلىھەلىرى توسۇلۇپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.

  ئۇقۇشىمچە، يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى دەرھال ئاپتونوم رايون، ئوبلاست، ناھىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى تېز سۈرئەتتە يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى ئىگىلىگەن. بورتالا ئوبلاستى ۋە جىڭ ناھىيەسىدىكى ساياھەت تارماقلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ساياھەت ئەسلىھەلىرى، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى بىر- بىرلەپ تەكشۈرۈپ، ساياھەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغان. جىڭ ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈشىدىن قارىغاندا، 8- ئاينىڭ 9- كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 8:30 غىچە جىڭ ناھىيەسىدە ساياھەت قىلىۋاتقان تەخمىنەن 1500 گە يېقىن ساياھەتچىنىڭ يارىلانغانلىقىغا ئالاقىدار ھېچقانداق دوكلات كەلمىگەن. ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى «يىچېڭتۇڭ» كەسپىي نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سۇپىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 8- ئاينىڭ 8- كۈنىگىچە بورتالا ئوبلاستىغا ساياھەتكە بارغان ساياھەت ئۆمىكى 155 كە، ساياھەتچى 2532 گە يەتكەن؛ ئىلى ئوبلاستىغا ساياھەتكە بارغان ساياھەت ئۆمىكى 551 گە، ساياھەتچى 9707 گە يەتكەن. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ كۈن ئىچىدە بورتالا ئوبلاستىغا ساياھەتكە بارىدىغان ساياھەت ئۆمىكى 646گە، ساياھەتچى 11 مىڭ 77گە يېتىدىكەن. جىڭ ناھىيەسى ۋە بورتالا ئوبلاستىنىڭ باشقا ناھىيە، شەھەرلىرىدىكى نۇقتىلىق ساياھەت مەنزىرە رايونى ۋە مېھمانساراي قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ياتاق ۋە باشقا ئەسلىھەلىرى يەر تەۋرەشتە ھېچقانداق زىيانغا ئۇچرىمىغاچقا، نورمال تىجارەت قىلىدىكەن؛ بورتالا ئوبلاستى ۋە جىڭ ناھىيەسىگە بارىدىغان ساياھەت قاتناش لىنىيەلىرى ۋە خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى نورمال مەشغۇلات قىلىدىكەن. باشقا ئالاقىدار خىزمەتلەر يەنىمۇ ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، جىڭ ناھىيەسى ۋە بورتالا ئوبلاستى ساياھەتچىلەرنىڭ ئۇچۇرىنى ئىستاتىستىكا قىلىش ۋە ھالىدىن خەۋەر ئېلىش خىزمىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىدىكەن. بورتالا ئوبلاستى، ئىلى ئوبلاستى، قاراماي شەھىرى، شىخەنزە شەھىرىدىكى ساياھەت تارماقلىرى ساياھەت ئەسلىھەلىرىنى داۋاملىق تەكشۈرۈپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىگە ۋاقتىدا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى قوللىنىدىكەن. بورتالا ئوبلاستى ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ساياھەتچىلەرنى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردىن ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈپ تۇرىدىكەن ھەم تەدبىر قوللىنىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەر سەپەرگە چىقىشىنى كاپالەتلەندۈرىدىكەن.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى