قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرى نورمال ئۇچتى

2017-08-11 18:25:59     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مۇخبىرىمىز خاسىيەت جۈمەنىڭ جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىدىن ئۇقۇشىچە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ 8- ئاينىڭ 9- كۈنى غۇلجا ۋە بورتالاغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرى بورتالا ئوبلاستىنىڭ جىڭ ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن 6.6 بال يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي نورمال ئۇچقان.

  ئۇقۇشىمچە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ 8- ئاينىڭ 9- كۈنىدىكى ئۇچۇش پىلانىدا ئۈرۈمچى- غۇلجا لىنىيەسىدە 19 قېتىم، ئۈرۈمچى- بورتالا لىنىيەسىدە ئىككى قېتىم ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش پىلانلىنىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ھەممىسى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىغان. جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ غۇلجىغا ۋە بورتالاغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىدا ئۇچۇش ۋە يولۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتى نورمال ئىشلىنىپ، ئايروپىلان بېلىتىنىڭ سېتىلىشىمۇ ھېچقانداق تەسىرگە ئۇچرىمىغان. كېيىنكى قەدەمدە جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى ئاپەت رايونىنىڭ ئەھۋالىغا ھەر ۋاقىت يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىكەن ھەم شۇ جايدىكى ئايرودۇرۇم ۋە يولۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بويىچە ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىدىكەن.

مەنبە: شىنجاڭ گېىزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى