ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى

2017-08-12 19:39:43     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «26- ئىيۇل»دىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئىجرا قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ئۆز ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ھەممە كىشى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى نەمۇنىچىلاردىن بولۇشقا تىرىشىدىغان قويۇق كەيپىيات شەكىللەندۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق ياراتماقتا.
    پارتىيە رەھبەرلىكى تۈپ كاپالەت
  لى يەنرۇڭ (شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى): باش شۇجى شى جىنپىڭ «26- ئىيۇل»دىكى مۇھىم سۆزىدە بىر قاتار يېڭى مۇھىم ئىدىيە، مۇھىم قاراش، مۇھىم ھۆكۈم، مۇھىم تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ ھازىر ۋە كەلگۈسىدە شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە يۆنىلىش خاراكتېرلىك ۋە ئەمەلىي يېتەكچىلىك ئەھمىيىتىگە ئىگە.
  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە پارتىيە رەھبەرلىكىنى جەزمەن كۈچەيتىش كېرەك، بۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزنىڭ تۈپ كاپالىتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرغاندىلا، ھەرقانداق كىشى، ھەرقانداق سىياسىي كۈچ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلالمايدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- بىرلىكى سىياسىي جەھەتتىن تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ». باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدىكى ھۆكۈمى شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. بىز پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشىمىز ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك.
  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە جەزمەن مىللەتلەر مەسىلىسىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىش توغرا يولىدا قەتئىي ئېغىشماي مېڭىش كېرەك، بۇ، يېڭى ۋەزىيەتتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە قەتئىي پۇختا ئىگىلەشكە تېگىشلىك سىياسىي يۆنىلىش. باش شۇجى شى جىنپىڭ «26- ئىيۇل»دىكى مۇھىم سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «پۈتۈن پارتىيە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ باشتىن- ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈش كېرەك». ئاپتونوم رايون پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى − شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ يۈكسىلىشىدىكى ئاساسىي تەجرىبە، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا، مىللەتلەر مەسىلىسىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىش توغرا يولىدا چىڭ تۇرغانلىقىنىڭ ئىپادىسى دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇشى ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.
  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە خەلق تۇرمۇشىنى جەزمەن زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش كېرەك. خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى مائارىپ، تۇرالغۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىجتىمائىي كاپالەت، سەھىيە- ساقلىقىنى ساقلاش قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە بۇ خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىنى جەزمەن ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. ئاپتونوم رايون يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى زور دەرىجىدە ياخشى ھەل قىلدى. بۇ، ئەلنى مايىل قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش جەھەتلەردە زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
    مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا سىردىشىش مۇھىم
  ئەركىن مەمەت (ئاپتونوم رايونلۇق كۇتۇپخانا پارتكومىنىڭ شۇجىسى): مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى. كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شىنجاڭدا ئۇزاق مۇددەت ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش جەريانىدا خەنزۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن، ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇلاردىن، ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ ئۆزئارا بىر- بىرىدىن ئايرىلالماي كەلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى بىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى ۋە ئۇنى تۈپ مىزانغا ئىگە قىلدى.
  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خۇددى ھاۋا، قۇياش نۇرى ۋە سۇغا ئوخشاش تۇرمۇشىمىزنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم تەركىبىي قىسمى. مەن كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپلا ئۈرۈمچىدىكى كۆپ مىللەتلىك قورۇدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان. بۇ قورۇدا ئىككى خەنزۇ ئائىلىسى، ئۈچ ئۇيغۇر ئائىلىسى بار ئىدى. شۇ چاغدا ئائىلىمىزدىكى سەككىز جان دادامنىڭ بىر كىشىلىك مائاشىغىلا قاراشلىق بولغاچقا، تۇرمۇشىمىز باياشات ئەمەس ئىدى. قوشنىلار بىرەر قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىمىزنى ئۇقسىلا، بىزگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم قىلاتتى؛ ئۆيىمىزدىكىلەر نان ياققاندا، پولۇ ئەتكەندە ئۇلارغا سۇناتتۇق. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقى شۇ چاغدىلا قەلبىمدە مۇستەھكەم بىخ سۈرگەنىدى.
  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار «قوش تىل» مائارىپىغا ياردەم بېرىش خىزمىتى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلىدى.
  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا سىردىشىش ئىنتايىن مۇھىم، باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىش، ھالىغا يېتىش، سەمىمىي كۆڭۈل ئارقىلىق باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىز بۇلتۇر 10- ئاينىڭ 16- كۈنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى باشلىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن يۈز كۆرۈشۈپ باقمىغان ناتونۇش كىشىلەر ئۆزئارا تۇغقان بولۇشۇپ، بارغانسېرى ئېجىل- ئىناق ئۆتۈشكە باشلىدى. سەپەرگە ئىنتايىن ئاز چىقىدىغان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇغقانلار ئۈرۈمچىگە كېلىپ، تۇغقانلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا بىللە سەيلە قىلىپ، غىزالىنىپ، سىردىشىدىغان بولدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى شىنجاڭنىڭ جاي- جايلىرىدا پورەكلەپ ئېچىلماقتا.
  يېڭى ۋەزىيەتتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، بىز چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى توغرا ۋەتەن قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك. ھەر مىللەت ئامما تۇرمۇشتا ئۆزئارا ھۆرمەتلىشىپ، ئۆزئارا ياردەملىشىپ، ئۆزئارا كۆيۈنۈپ، ئىشنى كىچىك ئىشلاردىن، بالىلاردىن باشلاپ چىڭ تۇتۇپ، بىرلىكتە گۈزەل، ئىناق شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.
    ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەيلى
  غەيرەت ئاسىم (ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى): پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مىللەتلەر خىزمىتى ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە ۋە چېگرانى مۇستەھكەملەشكە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلدى.
  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى − شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى. مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، ئومۇمىيەتنى كۆزلەپ، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ قول سېلىپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا بېرىش- كېلىشىنى كۆپەيتتى، بۇنىڭ بىلەن مىللەتلەر ئارىسىدىكى چۈشىنىش، ئىشىنىش ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.
  ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىكى يازغۇچى، سەنئەتكارلار بۇ ئۇلۇغ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئارىسىغا بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان نۇرغۇن نادىر ئەسەرنى يېزىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى گۈزەل يۇرت- ماكانىمىزنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشقا يېتەكلىدى. مەسىلەن: شىنجاڭ تەڭرىتاغ كىنو ئىستۇدىيەسى ئىشلىگەن «تەكلىماكاندىكى ناغرا ساداسى» ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى 10 مىڭ كىشىنى تەربىيەلەش پىلانىنى ئۇدا نەچچە يىل يولغا قويۇپ، ھەر مىللەتتىن بولغان زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت- سەنئەت ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈردى.
  دۆلەت روناق تاپسا، مىللەت گۈللىنىدۇ، كۆپچىلىك تېخىمۇ ياخشى كۈنگە ئېرىشىدۇ. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە كۈچەيتىشتە بىر تەرەپتىن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىدىيە جەھەتتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىگە بولغان تونۇشنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. خىزمەتتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچىلارنىڭ ئىلغار ئىش- ئىزلىرىنى چوڭقۇر قېزىپ ۋە كەڭ تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.
  (مۇخبىرىمىز جيا چۈنشيا، پىراكتىكانت لى يۈن)

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى