قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئەۋزەللىكلەرنى قېزىپ، ئىجادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرەيلى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ ئىجادىي تەرەققىيات مۇنبىرى ئېچىلدى

2017-08-12 19:40:24     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 مۇخبىرىمىز جاڭ شياۋيەن خەۋەر قىلىدۇ: مەيىن شامال، مېۋە- چىۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان گۈزەل پەسىلدە، «چۆللۈكتىكى مەرۋايىت»، «ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشتىكى 1- شەھەر» دەپ نام ئالغان گۈزەل شىخەنزە شەھىرى جاي- جايلاردىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى. بىڭتۈەن بىلەن «جىڭدۇڭفاڭ» پەن- تېخنىكا گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى، بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە- ئالەم قاتنىشى ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ ئىجادىي تەرەققىيات مۇنبىرى 8- ئاينىڭ 10- كۈنى بۇ شەھەردە ئېچىلدى.
  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسار سۈن جىنلۇڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، قوماندان پېڭ جيارۇي مۇنبەرنىڭ 1- باسقۇچلۇق يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن كۇڭ شىڭلۇڭ، لى جىدۇڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
  جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، بېيجىڭ ئاۋىياتسيە- ئالەم قاتنىشى ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى جاڭ جۈن، «جىڭدۇڭفاڭ» پەن- تېخنىكا گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ دۇڭشېڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
  سۈن جىنلۇڭ تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: بىڭتۈەن سىياسەت ۋە رايون ئورنى جەھەتتە مۇھىم ئەۋزەللىككە، پايدىلىق بايلىق ۋە جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىككە، بىر قەدەر ياخشى تەرەققىيات ۋە ئاساس ئەۋزەللىكىگە، ئۆزگىچە تۈزۈلمە ۋە تەشكىلىي ئەۋزەللىككە، ياخشى مۇھىت ۋە ئادىمىيەت ئەۋزەللىكىگە ئىگە، بىڭتۈەن ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تۈرلۈك ئەۋزەللىك ۋە يوشۇرۇن ئىقتىدارنى چوڭقۇر قېزىش ھەم تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورماللىقىغا ماسلىشىپ، يېڭى، كونا ئېنېرگىيەلەرنىڭ ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىقنى، ئەۋزەللىكنى، كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ مۇقەررەر يولىنى قولغا كەلتۈردى. بىڭتۈەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە بىڭتۈەننىڭ ئورنىنى بېكىتىشكە ئالاقىدار تەلەپلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىسلاھات ئارقىلىق ئەۋزەللىك توپلاشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، كارخانا بىرلەشتۈرۈلگەن ئالاھىدە تۈزۈلمە مەزمۇنى ۋە ئۇنىڭ شەكلىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ ھەم مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىڭتۈەننىڭ ئالاھىدە ئەۋزەللىكى ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتىدۇ؛ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىپ، مەبلەغ سېلىشنى تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىشنى 1- مۇھىم ئىش سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، يېڭىچە سانائەتلىشىشنى يېتەكچى قىلغان ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، بىڭتۈەننىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، بىڭتۈەننىڭ ئالاھىدە رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.
  سۈن جىنلۇڭ مۇنداق دېدى: بىڭتۈەننىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشى ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئىش. بىڭتۈەن تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، ئىجادىي تەپەككۇرى، سىغدۇرۇشچان بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، بىڭتۈەننىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدا ئۇلۇغ پىلانلارنى كۆپلەپ ئوتتۇرىغا قويۇش ئىرادىسى بار كارخانىچىلار ۋە دوستلارنىڭ بىڭتۈەننىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قاتنىشىشىنى، بىڭتۈەننىڭ تەرەققىياتىدىكى يېڭى پۇرسەتتىن تەڭ بەھرىلىنىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭى كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىپ، بىرلىكتە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، ئۈمىد ئۇرۇقى چېچىپ، كەلگۈسىدىن مول ھوسۇل ئېلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ.
  جاڭ جۈن تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە- ئالەم قاتنىشى ئۇنىۋېرسىتېتى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ۋە چېگرا رايوننىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى چۆرىدەپ، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەۋقەنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى مەكتەپ بىلەن يەرلىك، مەكتەپ بىلەن كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشكە قويۇپ، كەسىپ تەرەققىياتى ۋە سىياسەتتىن مەسلىھەت بېرىدىغان ئاقىللار ئامبىرىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە- ئالەم قاتنىشى ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپداشلار يېڭىلىق يارىتىش كارخانىسىنىڭ بىڭتۈەندە ماكانلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىڭتۈەننىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش جەھەتتە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، بىڭتۈەننىڭ يېڭى دەۋردىكى ئىجادىي تەرەققىياتىنى تېخىمۇ قوللايدۇ.
  شىنجاڭ «تيەنيې» چەكلىك شىركىتى، تەڭرىتاغ ئاليومىنچىلىقى، «شېڭرۈي» فوتوئېلېكتىر پەن- تېخنىكا (شاڭخەي) چەكلىك شىركىتى، بىڭتۈەن 8- شىسى شىخەنزە شەھىرى، بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە- ئالەم قاتنىشى ئۇنىۋېرسىتېتى، سىچۈەن «چاڭخۇڭ» ئېلېكتىرون پاي كونترول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو قۇرۇلۇش 1- ئىدارىسى (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلاردىن كەلگەن مېھمانلار مۇنبەردە سۆز قىلدى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى