ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئېتىقادىمىزنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمىز

2017-08-12 19:45:10     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى كۈلەن سەيپىقان

 
 شىنجاڭ ئەزەلدىن ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات تارىخى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلىش تارىخىدۇر. نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان، بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلق قان بىلەن گۆشتەك يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، «بىر- بىرىنى كۆڭلىگە پۈككەن» ئايرىلماس تەقدىرداش ئورتاق گەۋدە ھاسىل قىلىپ، ئۇزاق تارىخ ۋە پارلاق مەدەنىيەتنى ئورتاق ياراتقان، گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق ئاچقان ۋە قۇرغان، تارىختا يۈز بەرگەن سىرتقى دۈشمەننىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ھەر مىللەت خەلق ئوتتۇرىسىدا قېرىنداشلاردەك چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىلغان.
  مەن ئىلىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە تەشكىلنىڭ تەربىيەسىدە قەدەممۇ قەدەم ئۆسۈپ يېتىلىپ، بىر رەھبىرىي كادىرغا ئايلاندىم، شىنجاڭنىڭ كەڭ كۆلەمدە قۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشلىرىنى باشتىن كەچۈردۈم ھەم ئۇنىڭغا شاھىت بولدۇم. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەپ، يۇقىرى پەللىدىن ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنى سىياسەت ۋە مەبلەغ جەھەتتىن قوللىغاچقا ۋە شىنجاڭغا ھەرقايسى جەھەتتە خالىس ياردەم بەرگەچكە، شىنجاڭنىڭ قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەت ئىناق ۋە مۇقىم بولدى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلار تېز يۈكسەلدى، شەھەر- يېزا قىياپىتى يېڭى تۈسكە كىردى، ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلدى. مۇشۇنداق ياخشى سىياسەت، ياخشى تۇرمۇش ئىلگىرى بولۇپ باقمىغان، بۇنى ھەممىمىز ھېس قىلالايمىز.
  لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئۈچ خىل كۈچ» «مىللەت»، «دىن» تونىغا ئورىنىۋېلىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇقنى تەرغىب قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىپ، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلكىگە زور زىيان سالدى، ئۇلارنىڭ رەزىل غەرىزى ئاشكارىلاندى، زوراۋانلىق قىلمىشى كىشىلەرنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىدى. كەينى- كەينىدىن يۈز بەرگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى تىنچ، خاتىرجەم تۇرمۇشىمىزنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتتى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۈچۈن، بىز ھەر مىللەت خەلق، ھەربىر كىشى چوقۇم ئاكتىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئىتتىپاقلىشىپ، دەرھال ھەرىكەتلىنىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەگە قەتئىي «ياق» دەپ جاۋاب بېرىشىمىز، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى بايرىقىمىز روشەن ھالدا جەڭ ئېلان قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ئاداققىچە باتۇرانە كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك! بولۇپمۇ پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، ياخشى باشلامچى بولۇپ، مۇستەھكەم ئېتىقاد، قورقماس روھ، ساداقەتمەنلىك بىلەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئورتاق قوغدىشىمىز كېرەك.
  ئېتىقادنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش ئۈچۈن باشتىن- ئاخىر پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشىمىز كېرەك. ئاڭلىق ھالدا پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا قەتئىي سادىق بولۇشىمىز كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆزۈم ئۈلگە بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىشتەك ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىمنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە باشتىن- ئاخىر سەگەك بولۇپ، باشتىن- ئاخىر بايرىقىم روشەن، مەيدانىم مۇستەھكەم، تونۇشۇم بىردەك، تىلىم بىلەن دىلىم بىردەك، پوزىتسىيەم كەسكىن، قەدىمىم تەكشى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمەن. ئۆزۈم باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىپلا قالماي، يەنە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، تۈرلۈك سىياسەت ۋە قانۇن- نىزاملارنى خالىس تەشۋىق قىلغۇچى بولۇپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى ۋە ئاۋازىنى دەل ۋاقتىدا ھەر مىللەت ئاممىغا يەتكۈزۈپ، ئالدىدا بىر خىل، ئارقىدا بىر خىل بولىدىغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، زوراۋان- تېررورچىلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشتەك سىياسىي پەزىلىتىمنى نامايان قىلىمەن.
  ئېتىقادنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىش ئۈچۈن ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك. ئىلى ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال چېگراسىدىكى مۇھىم جاي، چېگرانىڭ بىرىنچى سېپىگە جايلاشقان بولۇپ، ئىزچىل «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىش، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سەپ بازىسى بولۇپ كەلدى. بىز مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ تارىنى ھەرۋاقىت چىڭىتىپ، «مۇقىملىق بولمىسا ھەممە نۆلگە تەڭ» ۋە مۇقىملىقنى قوغداشتا «مۇناسىۋەتسىز رايون، مۇناسىۋەتسىز ئورۇن، مۇناسىۋەتسىز ئادەم بولماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، زىممىمىزگە ئېلىپ، چىڭ تۇتۇپ ئادا قىلىشىمىز كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئوتتۇرىغا قويغان «بىر باش نىشان» نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، «بىر جان تومۇر»نى ئىزچىللاشتۇرۇش، «ئىككى ئاچقۇچلۇق نۇقتا»نى ئىگىلەش، «بىر يۈرۈش ياخشى مېخانىزم»نى مۇكەممەللەشتۈرۈش، «تۆتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش»نى ئورۇنداش، «بىر ياخشى ۋەزىيەت» يارىتىش ئاساسىي تەلىپى ۋە «ئالتىنى چىڭ تۇتۇش»، «بەشنى باشقۇرۇش»، «تۆت ئومۇميۈزلۈك قاپلاش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ «بىرىكمە مۇشت»ىنى ياخشى ئېتىش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئۆزىمىزنىڭ بەنزە ئەزاسىلىق سالاھىيىتىمىز بىلەن ئالدىن ئىزچىللاشتۇرۇپ ئىجرا قىلىش ۋە يېتەكلەپ تۈرتكە بولۇش رولىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى ئورتاق مۇستەھكەملەشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇشىمىز ۋە يېتەكلىشىمىز كېرەك.
  ئېتىقادنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىش ئۈچۈن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىشىمىز ۋە ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. سانسىزلىغان پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى − ئىناقلىق، مۇقىملىقنىڭ كاپالىتى، تەرەققىي قىلىش، يۈكسىلىشنىڭ ئۇل تېشى، بەختىيار تۇرمۇشنىڭ مەنبەسى، شۇڭا بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغدىشىمىز ۋە ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى باشتىن- ئاخىر ئېگىز كۆتۈرۈپ، توغرا دۆلەت قارىشى، مىللەت قارىشى، دىن قارىشى، تارىخ قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى ۋە «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «بەشنى تونۇش»نى كۈچەيتىپ، ئىشنى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ تۇتۇپ، ئىشەنچ، چۈشىنىش، ئىتتىپاقلىقنى قەدەممۇ قەدەم چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى ئورگان، كارخانا، مەكتەپ، يېزا، مەھەللە، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى قاتارلىق جەمئىيەتنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ- پۇچقىقىغىچە پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇشىمىز، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى قەلبداش بولۇپ، ھېسسىيات جەھەتتە بىر- بىرىگە تايىنىپ، ئىناق ئۆتۈپ، ھەمكارلىشىپ مۇداپىئە كۆرۈشكە يېتەكلەپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە بايرىقىمىز روشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز- ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.
  ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، تېخىمۇ قەتئىي پوزىتسىيەدە تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىشىپ گۈزەل يۇرت- ماكانىمىزنى ئورتاق قوغداپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نى كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر- ئۇرغا قاپتۇ دېگەندەك ھالغا چۈشۈرۈپ، ئۇلارغا يوشۇرۇنىدىغان جاي قالدۇرماي، ئۇلارنىڭ كۈلىنى كۆككە سورۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈپ، ئىناق- ئىتتىپاق، باي- قۇدرەتلىك، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشىمىز كېرەك.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى