ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخكە ئايلانغان يېشىل ئېكولوگىيە ئورمىنى

2017-08-17 17:19:36     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 

سۈرەتتە: قاغىلىق ناھىيەسىدىكى دېھقانلار تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ بويىدا ئىھاتە ئورمىنى بىنا قىلماقتا. (مۇخبىرىمىز جۇ مىڭجۈن فوتوسى) 
  جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا بارغىنىڭىزدا ھەممە يەرنىڭ سېرىق رەڭدە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلماي تۇرالمايدىكەنسىز: سېرىق تۇپراق، سېرىق رەڭلىك ئۆي، سېرىق رەڭلىك ئۇپۇق، ھەتتا ئاسمانمۇ بەزىدە سېرىق رەڭدە. خوتەنلىكلەرنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا: خوتەن خەلقىنىڭ كۈنى تەس، بىر كۈندە يېرىم جىڭ توپا يەيدۇ، كۈندۈزى ئاز يەپ قالسا، كەچتە يەنە تولۇقلىۋالىدۇ.
  جۇڭگو خەرىتىسىگە قارايدىغان بولساق، شىنجاڭنىڭ يەر كۆلىمى جۇڭگونىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىغا توغرا كېلىدۇ، لېكىن بوستانلىق شىنجاڭنىڭ يەر كۆلىمىنىڭ پەقەت %4.2ىنى ئىگىلەيدۇ، باشقا يەرلەرنىڭ ھەممىسى چۆللۈك ۋە قۇملۇق. شۇڭا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ھەل قىلىشقا تېگىشلىكى دەل قانداق قىلىپ چۆللۈكنى مۇنبەت ئېتىزلىققا ئايلاندۇرۇش مەسىلىسىدۇر.
  ياز كۈنلىرىدە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ لوپ ناھىيەسىدە تومۇز ئىسسىق بولۇپ، پىژغىرىم ئىسسىققا چىدىغىلى بولمايتتى، لېكىن دېھقان مەمەتئىمىن ھىمىت ئۆيىدىن چىقىپ، ئوتتەك ئىسسىق قۇملۇققا كەلدى. بۇرۇنقى قۇملۇق بۈگۈنكى كۈندە قويۇق يۇلغۇن بىلەن قاپلانغانىدى. ئۇ ئېگىلىپ يۇلغۇننىڭ يىلتىزىنى تەپسىلىي كۆزەتتى. كانايسىمان گۈللۈك توشقانزەدىكى بۇ يۇلغۇن تۈۋىدىن ساغلام ئۆسۈپ چىقىۋاتقان بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ تەسىرىگە قىلچىمۇ ئۇچرىمىغان ئىدى.
  مەمەتئىمىن ھىمىت يۈزىدىكى تەرنى سۈرتكىنىچە كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بۇ قۇملۇقتىن بەڭ ئەنسىرەيتتىم، بىر بوران چىقسا، تېرىغان زىرائەت ئەمەس، ئۆيلەرمۇ كۆمۈلۈپ قالاتتى، ھازىر ياخشى بولدى، يۇلغۇن قۇملۇقنى مۇقىملاشتۇرۇپلا قالماي، ماڭا ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئەكەلدى، بىزنىڭ قوللىنىۋاتقىنىمىز «شىركەت + دېھقان» ئەندىزىسى، ھەر يىلى سېتىۋېلىش پەسلىدە شىركەتلەر كېلىپ كانايسىمان گۈللۈك توشقانزەدىكىنى سېتىۋالىدۇ، تۇرمۇشىمىز بۇنىڭ بىلەن بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىۋاتىدۇ.
  شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ئېلىشقاندىن كۆرە، دۈشمەننى دوستقا ئايلاندۇرغان، يەنى قۇملۇقنى دوستقا ئايلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ ياردىمىدە ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرغان ياخشى. بۇ، ئۇلارنىڭ نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان قۇملۇق بىلەن كۈرەش قىلىش نەتىجىسىدە يەكۈنلەپ چىققان قائىدىسى. قاراش ئۆزگەرسە، يول راۋان بولىدۇ، خوتەن ۋىلايىتى چۆللىشىپ كېتىشنى تىزگىنلەش جەريانىدا، قۇمنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئۇستىلىق بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقتى.
  قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەكىت ناھىيەسىدىكى تەكلىماكان قۇملۇقى بويىغا يېشىل توساق ئورنىتىلدى. يىراقتىن نەزەر سالغاندا، بۇ توساق بىپايان ۋە ياپيېشىل كۆرۈنىدۇ. ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ليۇ جىفۇ ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بەش يىل ئىلگىرى ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى مىليون مو يەردە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش توغرىسىدا قارار چىقارغانىدى. ناھىيەدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى نەتىجىسىدە، 300 مىڭ مو يەردە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇش ۋەزىپىسى تاماملاندى، تېرەك، چىلان، سۆكسۆك قاتارلىق تۈرلۈك دەل- دەرەخلەرنىڭ كۆچەتلىرىدىن 170 مىليون تۈپ تىكىلىپ، ئەي بولۇش نىسبىتى %90تىن ئاشۇرۇلدى.
  ئېكولوگىيە ئورمىنىنىڭ بېيىش ئورمىنىغا ئايلاندۇرۇلغانلىقى بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئاممىنىڭ قوللىشى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشىشىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرىدۇر.
  ئەۋلادمۇئەۋلاد قۇملۇق بويىدىكى قۇمقۇسار يېزىسىدا ئولتۇراقلاشقان دېھقان ئارزۇگۈل نىياز چوڭقۇر ھېس قىلغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى قۇم- بوران بەك قاتتىق چىقاتتى، نېمىلا تېرىساق ئاينىمايتتى، ھەممىسىنى قۇم- بوران ئۇچۇرۇپ كېتەتتى. ھازىر ياخشى بولۇپ كەتتى، قۇم- بوران ئازىيىپ، ھويلا- ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدۇق. بولۇپمۇ ئېكولوگىيە ئورمىنى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىچىدە چىلان، پىستە- بادام، تاش ئالما، ئۈزۈم قاتارلىقلارنى ئۆستۈردۇق، بۇلار بىزگە مول ھوسۇل خۇشاللىقى ئېلىپ كەلدى. سۆكسۆك يىلتىزىغا تېرىغان توشقانزەدىكىدىن بۇ يىل 10- ئايدا ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ. بىر مو يەردىن ئوتتۇرىچە ھېسابتا 200 كىلوگىرام ئەتراپىدا ھوسۇل ئالغىلى، بازار باھاسى بويىچە ھېسابلىغاندا، بىر مو يەردىن 2000 يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلغىلى بولىدۇ، ئېكولوگىيە ئورمىنىدا بۇ خىل سۆكسۆككە قوشۇپ ئۆستۈرۈلگەن توشقانزەدىكىدىن 20 مىڭ مو بار، بۇنىڭدىن 40 مىليون يۈەن بىۋاسىتە كىرىم قىلالايمىز، بۇ نېمىدېگەن ياخشى ئىش - ھە!
  جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى لېي جياچياڭ مۇنداق بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بەردى: خوتەن ۋىلايىتىنىڭ چىرا ناھىيەسى قۇم- بورانغا ئەڭ يېقىن جايغا جايلاشقان، گوۋۇيۈەن بېكىتكەن شىنجاڭدىكى 25 دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيەلەرنىڭ بىرى. 1982- يىلى ئەتىيازدا يېڭى قۇرۇلغان ناھىيە بازىرىغا كۆچمە قۇم 1.5 كىلومېتىرلا قالدى، دېگەن جىددىي دوكلات ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسىگە يەتكۈزۈلگەن. تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان چىرا ناھىيەسى كۆچمە قۇم سەۋەبىدىن ئۈچ قېتىم كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان. خەتەرلىك پەيتتە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى قۇملۇق تەتقىقات پونكىتى قۇرۇشنى قارار قىلىپ، بەش يىل ئەتراپىدا دەسلەپكى ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، چىرا ناھىيەسىنى ساقلاپ قېلىش، ئەينى چاغدىكى چىرا ناھىيەسىدىكى 60 مىڭ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىنى قوغداپ قېلىشىنى تەلەپ قىلغان.
  لېي جياچياڭ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئۇ ۋاقىتتا بىز خىزمەت نۇقتىسىغا ناھىيە بازىرىدىن سەككىز كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قۇم- بورانغا ئەڭ يېقىن جاينى تاللىدۇق، بۇ يەرنىڭ تۆت ئەتراپى كۆز يەتكۈسىز قۇملۇق بولۇپ، بوران چىقىپ، قۇم كۆچۈپ تۇراتتى. بۇنداق شارائىتتا، بىز ھەر كۈنى ئەتىگەن چىقىپ، كەچ قايتىپ، قۇم- بورانغا ئەڭ يېقىن جايدا قۇم- بوراننىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ، تىكىلگەن ئىھاتە ئورمىنىنىڭ ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈپ، چۈشتە قۇملۇقتا قۇرۇق نان يەپ، سوغۇق سۇ ئىچىپ يۈردۇق. توختىماي چىقىپ تۇرىدىغان قۇم- بوران سەۋەبىدىن كىشىلەر ۋە ئۇلاغلار دائىم نىشاندىن ئادىشىپ قالاتتى، 24 سائەت توختىماي كۆزىتىش، تەجرىبە قىلىش، ھەددىدىن زىيادە نورمىدىن ئارتۇق خىزمەت قىلىش پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئىرادىسىنى سىنايتتى، لېكىن چىرا پونكىتىدىن بىرمۇ كىشى چېكىنمىگەنىدى.
  ھازىرقى چىرا ناھىيە بازىرىنىڭ سىرتىدا چىرا بوستانلىقىنى قورشاپ تۇرىدىغان قۇمدىن ئۇنىۋېرسال مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى بەرپا قىلىندى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «قۇملۇق − بوستانلىق» ئۆتكۈنچى بەلبېغى ئۇنىۋېرسال مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى قۇرۇلدى ھەم ئۆتكۈنچى بەلباغدا «ئاشلىق، كېۋەز، مېۋە، ئۈجمە، ئوت- چۆپ»تىن ئىبارەت ئىستېرېئولۇق يېزا ئىگىلىكى بەرپا قىلىندى. يېقىنقى يىللاردىكى تۈزەش ئارقىلىق چىرا ناھىيەسىدە كۆچمە قۇم ئون نەچچە چاقىرىم چېكىندۈرۈلۈپ، كۆچمە قۇمنىڭ ناھىيە بازىرىغا بولغان تەھدىتى ئاساسىي جەھەتتىن تۈگىتىلىپلا قالماي، يەنە قۇم- بوران لىنىيەسىگە ئەڭ يېقىن 38 تەبىئىي كەنتنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى قوغداپ قېلىندى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى