قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ھېكمەتلىك سۆزلەر

2017-08-21 19:32:03     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
گۈزەللىكىنى، تەبىئىيلىكنى- سەھەرنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن، چەكسىز كەتكەن دالىلاردىن ئۈگىنىڭ.
ۋاقىتنى قەدىرلەشنى، ھاياتقا ئەھمىيەت بېرىشنى، مېھرىبانلىقنى ئېقىن سۇلاردىن، تاڭنىڭ ئېتىشىدىن، قۇياشنىڭ ئىللىق پارلىشىدىن ئۆگىنىڭ.
ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى تونۇش ھەم خاتا قىلغىنىغا ئۆكۈنۈش-خاتالىقىنى تۈزىتىپ توغرا يولغا قاراپ ئالغا ئىلگىرلەشنىڭ قايتىدىن باشلىنىشىدۇر.
ئۆز ئارا ئىشىنىش، ھۆرمەت، ئىتائەت بەختلىك ئائىلە قۇرۇشنىڭ مۇستەھكەم تۈۋرۈكى. تۈۋرۈكسىز بىنا قەد كۆتۈرۈپ تۇرالمىغاندەك ئىشەنچ، ھۆرمەت، ئىتائەت بولمىغان ئائىلىمۇ بەختلىك ئائىلە بولالمايدۇ.
قەتئىي ئىرادە ھاياتلىق يولىڭىزدىكى نۇرلۇق مەشئەل. پەقەت سىز ئۇنىڭدىن قايتمىسىڭىزلا، ئۇ سىزنىڭ ئالغا ئىلگىرلەش يولىڭىزنى يورۇتۇپ، كۆزلىگەن نىشانغا توسالغۇسىز يېتىپ بارالايسىز. غايە ۋە ئىرادە ئادەمنىڭ بەخت يولىنى يورۇتۇپ تۇرىدىغان نۇرلۇق ماياك. ئادەمدە پەقەت غايە، ئىرادە بولسىلا، ھايات سەپىرىدە ئۇ ھامان گۈزەللىك، ئىلھام تاپالايدۇ.
ئۆزىنى تەمكىن تۇتلايدىغان، بەزى ئىشلارنى غەم يەپ كېتىشكە ئەرزىمەيدۇ دەپ قاراپ، كۆڭلى-كۆكسىنى كەڭ تۇتىدىغان كىشىنىڭ كۆڭلىنى شاد دېيىشكە بولىدۇ.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى