ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تاش يوچۇقىدىكى يېشىل مۆجىزە

2017-08-25 17:53:06     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 سۈرەتتە: ئالتاي شەھىرىنىڭ جەنۇبىي رايونىدىن كۆرۈنۈش. (سۈرەتنى ئالتاي شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسى تەمىنلىگەن)

 
  شىنجاڭنىڭ غەربىي شىمال چېتىگە جايلاشقان ئالتاي شەھىرىدىكى قىران دەرياسىنىڭ شەرقىدە دېڭىز يۈزىدىن 1360 مېتىردىن ئېگىز جياڭجۈن تېغى، غەربىدە تىك ئېگىزلىكى 150 مېتىر كېلىدىغان تۆگە چوققىسى بار. 2009- يىلىدىن بۇرۇن شەھەر رايونىنىڭ ئەتراپىدىكى تاغلار ھېچنېمە ئۈنمەيدىغان قاقاسلىق ئىدى. بىز يېقىندا ئالتايغا ئاپتوموبىل ھەيدەپ بېرىپ، قاقاس تاغنى يېشىللىققا ئۆزگەرتىش ئەھۋالىنى زىيارەت قىلدۇق.
  جياڭجۈن تېغىغا چىقىپ يىراققا نەزەر سالغىنىمىزدا، ئۈچ قات مەنزىرە كۆرۈندى. كۆز ئالدىمىزدا ياپيېشىل دەل- دەرەخلەر سېرىق تاغ باغرىنى يېپىپ تۇراتتى. تاغ ئاستىدا بىنالار قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، شەھەر قىران دەرياسىنى بويلاپ جەنۇب ۋە شىمال تەرەپكە كېڭەيگەنىدى. تېخىمۇ يىراق يەردە تۆگە چوققىسى بولۇپ، بۇ يىل تىككەن كۆچەتلەر تاش يوچۇقلىرىدىن ئۆسۈپ چىققان بولۇپ، قىزىل سۇ تۇرۇبىسى قىران دەرياسىنىڭ سۈيىنى تاغ ئۈستىگە توختىماي يەتكۈزۈپ بېرەتتى.
  ئالتاي شەھەرلىك باغ- ئورمان كۆكەرتىش باشقارمىسى قاقاس تاغ ئەترىتىنىڭ تارماق ئەترەت باشلىقى شۈ شياڭ مۇنداق دېدى: بۇرۇن بۇ تاغلارنىڭ ھەممىسى قاقاسلىق ئىدى، بوران قاتتىق چىققاندا پۈتۈن شەھەرنى چاڭ- توزان قاپلاپ كېتەتتى.
  ئالتايدا قېزىلما بايلىقلار مول بولۇپ، بۇرۇن تاغدىكى كان ئېچىش ھەرىكەتلىرى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بەلگىلىك تەسىر يەتكۈزگەنىدى. ئالتاي شەھىرى 2009- يىلىدىن باشلاپ بوز يەر ئېچىش، كان قېزىشتىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى كەسىپ ئەندىزىسىدىن ۋاز كېچىپ، «ساياھەتچىلىكنى ئاساسىي گەۋدە قىلىش، 1- كەسىپكە تەسىر كۆرسىتىش، 2- كەسىپكە تىرەك بولۇش»تىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىنى بېكىتتى. ئالتاينى گۈزەل، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان «شىنجاڭنىڭ مېھمان قوبۇل قىلىش زالى»غا ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ئالتاي شەھىرى كەڭ كۆلەملىك قاقاس تاغنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى باشلىدى.
  ئالتاي شەھىرى ھازىرغىچە شەھەر ئەتراپىدىكى 24 مىڭ مو قاقاس تاغنى كۆكەرتىپ، شەمشاد، قېيىن، موڭغۇلىيە قارىغىيى قاتارلىق 27 خىل دەرەختىن 2 مىليون 305 مىڭ تۈپ تىكىپ، ئەي بولۇش نىسبىتىنى %89تىن ئاشۇردى.
  ھەر يىلى ئەتىيازدا ئالتاي شەھىرىدە ئومۇمىي خەلق كۆچەت تىكىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. تاغ باغرىدا ئولتۇراقلاشقان شەھەر ئاھالىلىرى تاغقا چىقىپ ئېرىق چېپىپ، يەرلەرنى تىندۇردى. شۈ شياڭ مۇنداق دېدى: تاغدىكى دەرەخلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى ئالتايلىقلار بىر- بىرلەپ ئېلىپ كېلىپ تىكتى ھەم ئەي قىلدى.
  ئېكولوگىيە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، جياڭجۈن تېغىغا كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشتىن باشقا، يەنە ئاسما يول، سۈنئىي كۆل ۋە تاماشا راۋىقى ياسىلىپ، «جياڭجۈن تېغى ئورمان باغچىسى» قۇرۇلدى. شۈ شياڭ مۇنداق دېدى: ھازىر ئالتاي ئاھالىلىرى شەنبە- يەكشەنبە كۈنلىرى ھاۋا ياخشى چاغدا ئائىلە بويىچە جياڭجۈن تېغىغا چىقىپ دەم ئالىدۇ، دالا تامىقى يەيدۇ.
  ئىلگىرىكى قاقاس تاغدا ھازىر كىشىلەر سەيلە قىلىدىغان بولدى. جياڭجۈن تېغىنىڭ تاماشا قىلىش سۇپىسىدا ئۈرۈمچىدىن كەلگەن شۈ خانىم دوستلىرى بىلەن سەيلە قىلىپ سۈرەتكە چۈشۈۋاتاتتى. شۈ خانىم مۇنداق دېدى: ئالتايدىكى دوستلىرىم «جياڭجۈن تېغىغا كېلىپ كۆرۈپ باق، بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى ياخشى، پۈتۈن ئالتاي شەھىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ» دەپ تەۋسىيە قىلغانىدى.
  بىز جياڭجۈن تېغىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، شەھەر رايونىنىڭ غەربىدىكى تۆگە چوققىسىغا كەلدۇق. ئورمان- باغ باشقۇرۇش ئەترىتىدىكى ليۇ ئەپەندى تاغ ئۈستىدىكى ۋاقتىنچە تىكىلگەن كىچىك چېدىردا ئولتۇرىدىكەن، ئۇ ھەر كۈنى سائەت 9دىن كۈن پاتقىچە مۇشۇ يەردە ئىشلەيدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يەردە كۈندە دەرەخ سۇغىرىمەن، بوران ئېگىۋەتكەن كۆچەتلەرنى تۈزلەپ تىكىمەن، ھەربىر تۈپ كۆچەتنىڭ ئەي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمەن.
  ئىگىلىشىمىزچە، ئالتاي شەھىرى 2017- يىلى 170 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، تۆگە چوققىسى، جياڭجۈن تېغى تەۋەلىك رايونىدىكى 10 مىڭ مو قاقاس تاغنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، شەھەر رايونىدىكى كۆرگىلى بولىدىغان دائىرىدىكى 100 مىڭ مو قاقاس تاغنى يېشىللىققا پۈركەشنى پىلانلىغان. قاقاس تاغنى ئۆزگەرتىش تاماملانسا، ئالتاي شەھىرى ئىسمى- جىسمىغا لايىق ئورمان شەھىرى بولىدىكەن.
  تاغدىن چۈشكىنىمىزدە يول بويىدىكى سېرىق ئارىلاش ھالرەڭ رەتلىك بىنالار تاغ باغرىدىكى دەرەخلەر ئارىسىدا كۆركەم كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئالتايدا ئىنسانىيەت بىلەن تەبىئەت ئۆزئارا باغلىنىپ كەتكەنىدى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى