قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ھېكمەتلىك ھىكايەت

2017-08-29 19:18:52     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
بىر كىشى كۆپ پۇل خەجلەپ بىر پارچە يەر سېتىۋاپتۇ. بىراق ئۇ ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى ھېس قىپتۇ. ئەسلىدە بۇ يەرنىڭ ئۈنۈمدارلىقى يوق ئىكەن، بۇرۇندىن تارتىپ پەقەت توغراق بىلەن چايان ياشايدىغان يەر ئىكەن. ئېغىر پۇشايماندىن كېيىن ئۇ باش قاتۇرۇپ، يەرنى ئۆزگەرتىشنى قارار قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر مەزگىل تەتقىق قىلىش ۋە پىلانلاش ئارقىلىق، كۆز ئالدىدىكى چايانلارنى كۆرۈپ، چايان سودىسى قىپتۇ. كۆپ يىللاردىن كېيىن بۇ يەر پۈتۈن مەملىكەت بويىچە داڭلىق چايان بېقىش بازىسى بوپتۇ ۋە بۇ جايدا مەخسۇس چايان زەھىرى ۋە چايان مۇرابباسى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇت قۇرۇلۇپتۇ. ئۇنىڭ كىرىمى ئېشىپ، ھەر يىلى نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىلەر ئېكسكۇرسىيىگە كېلىدىغان بوپتۇ.شۇنداق، ھەرقانداق كىشىنىڭ غايىسىدىكى شەرت-شارائىتى ۋە مەنبەگە ئىگە بولۇشى ناتايىن، بىزنىڭ بىردىنبىر قىلالايدىغىنىمىز: ھازىر ئىگە بولغان نەرسىنى چىڭ تۇتۇشىمىز، كۆز ئالدىمىزدىكى پايدىسىز ئامىلنى ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىق ئامىلغا ئايلاندۇرۇش، كەمچىلىكىمىزنى ئارتۇقچىلىققا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئەمەلىيەتتە شۇنداق ئاسان.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى