قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئەڭ مۇنەۋۋەر كىشى دەل ئۆزىڭىز

2017-08-29 19:53:41     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
ناھايىتى قابىلىيەتلىك بىر ئۇستاز ئاخىرقى ئۆمرىدە ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ، ئۇ بىر كۈنى ئۆزىنىڭ ياردەمچىسىنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا ئەڭ مۇنەۋۋەر بىرەيلەننى تېپىپ كېلىپ ئۆزىنىڭ شاگىرتى قىلماقچى ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ بۇ دۇنيادا ئۆگەنگەن بارلىق بىلىمىنى شۇ كىشىگە مىراس قالدۇرماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. ياردەمچىسى نۇرغۇن جايلارغا بېرىپ، ئۇزۇن مەزگىل ئىزدىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنداق ئادەمنى ئىزدەپ تاپالماپتۇ. ئۇستاز ياردەمچىسىگە:
    ـــ مەن بىر مۇنەۋۋەر كىشىنىڭ بىلىمىمگە ۋارىسلىق قىلىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن، بۇ ئادەمدە ئالاھىدە بىلىم ۋە ئىقتىدارى بولغاندىن سىرت يەنە ئۆزىگە بولغان تولۇق ئىشەنچ ۋە يېڭىلمەس ئىرادە بولۇشى كېرەك، ـــ دەپتۇ. ياردەمچىسى:
    ـــ شۇنداق، مەن سىزنىڭ مەقسىتىڭىزنى چۈشەندىم! مەنمۇ توختىماستىن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن بۇ ئادەمنى ئىزدەۋاتىمەن، ـــ دەپتۇ.
    ياردەمچىسى داۋاملىق ئەڭ مۇنەۋۋەر كىشىنى ئىزدەپتۇ. كۈنلەر بىر-بىرىگە ئۇلۇشۇپ ئۆتۈپتۇ، ئۇستازمۇ كۈندىن-كۈنگە ئاجىزلاپ كېتىپتۇ. ئۇستازىنىڭ بۇ دۇنيادىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى، ئەمما ئەڭ مۇنەۋۋەر كىشىنىڭ تېخىچە تېپىلمايۋاتقانلىقىدىن ياردەمچىسى تولىمۇ بىئارام بولۇپ، ئۆزىنى گۈناھكار ھېساپلاپ، ئۇستازىغا:
    ـــ كەچۈرۈڭ، سىزنى تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويدۇم! ـــ دەپتۇ. ئۇستاز:
    ـــ ئۈمىدسىزلەنگەن كىشى مەن، ئەمما يۈز كېلەلمەيدىغىنى دەل ئۆزۈڭ! ئەمەلىيەتتە، ئەڭ مۇنەۋۋەر كىشى دەل سەن ئىدىڭ، مەن سېنىڭ بىمىمگە ۋارىسلىق قىلىشىڭنى تولىمۇ ئۈمىد قىلاتتىم، ئەمما سەن يەنىلا باشقىلارنى ئىزدەپ، پەقەتلا ئۆزۈڭنى ئويلىشىپ باقمىدىڭ، سەن ئۆزۈڭگە بەك ئىشەنمەيدىكەنسەن، ـــ دەپتۇ. گەپ شۇ يەرگە كەلگەندە، ئۇ بىر تىنىۋېلىپ، ئاندىن چوڭقۇر مەنا بىلەن ياردەمچىسىگە:    ـــ پەقەت ئۆزىنى توغرا تونۇپ، يۇشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، ئۆزىدىكى ئارتۇقچىلىقلارنى ياخشى جارى قىلدۇرسىلا، ھەممە ئادەم ئەڭ قابىلىيەتلىك، ـــ دەپتۇ.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى