قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مۇھەببەتلا ئىللىقلىق ئاتا قىلالايدۇ

2017-09-05 18:19:27     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
بىر دانىشمەن دادا ئۈچ ئوغلىنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى سىناپ باقماقچى بولۇپتۇ. ئۇ ھەر بىر ئوغلىغا 100 يۈەندىن پۇل بېرىپ، بۇ پۇلغا ئۆزلىرى ئېلىشنى خالايدىغان ھەرقانداق نەرسىنى سېتىۋالسا بولىدىغانلىقى ھەم سېتىۋالغان نەرسىسى بىلەن 100 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئىسكىلاتنى تولدۇرۇشنى ئېيتىپتۇ.
چوڭ ئوغلى خېلى ئويلاشقاندىن كېيىن، 100 يۈەنگە ئەڭ ئەرزان شال پاخىلى سېتىۋاپتۇ. سېتىۋالغان پاخىلى ئىسكىلاتنىڭ يېرىمىغىمۇ كەلمەپتۇ.
ئوتتۇرانچى ئوغلى سەل ئەقىللىقراق بولۇپ، ئۇ 100 يۈەنگە چىڭ تېڭىلغان پاختا سېتىۋېلىپ، تېڭىقنى يېشىپ ئىسكىلاتنى پاختا بىلەن تولدۇرماقچى بوپتۇ. لېكىن پاختا ئىسكىلاتنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىمىنىمۇ ئىگىلىمەپتۇ.
 كەنجى ئوغلى ئاكىلىرىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى كۆرۈپ، ئۇ ئىسكىلاتنىڭ بارلىق دېرىزىلىرىنى ئېتىۋېتىپ، دادىسىنى ئىسكىلاتقا باشلاپ كىرىپتۇ. ئاندىن ئىسكىلاتنىڭ ئىشىكىنىمۇ ئېتىۋېتىپتۇ. ئىسكىلاتنىڭ ئىچى قولنى سۇنسا بارماقنىمۇ كۆرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە قاراڭغۇ بوپتۇ. بۇ چاغدا ئوغلى بىر يۈەنگە سېتىۋالغان شامغا ئوت يېقىپتۇ. شۇ زامان قاراڭغۇ ئىسكىلاتنى شام نۇرى قاپلاپتۇ.
مېھىر - مۇھەببەت ھەممىمىزگە قانات. قەلبىدە مۇھەببەت بولمايدىغان ئىنسان بولمىسا كېرەك. بىز ھاياتلىق مۇساپىمىزدە تونۇشايلى ياكى تونۇشمايلى، قەلبىمىزدە ھاياتقا بولغان، تۇرمۇشقا بولغان، قىلىۋاتقان ئىشىمىزغا بولغان مۇھەببەت بولىدىكەن، كۈنلىرىمىز ئەھمىيەتلىك، قىلغان ئىشلىرىمىز مۇھەببەتلىك بولىدۇ.  لېكىن قەلبىمىزدىكى ئاشۇ مۇھەببەت پەرۋىشكە، كۈتۈشكە موھتاج. ئۇنى مېھىر سۇلىرى بىلەن داۋاملىق سۇغىرىپ، قەلبىمىزدىكى مېھىرنى مېھىرگە تەشنا قەلىبلەرگە سۇنۇپ، مېھرىمىز بىلەن مۇزلىغان قەلىبلەرنى ئىللىتىپ، مېھىر - مۇھەببەتلىك يوللارنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىشىگە، مۇھەببەتلىك قەلىبلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشىگە تۇرتكە بولالىساق، ھەقىقىي مېھىر - مۇھەببەت ئىگىسى بولالايمىز.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى