قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ھايات ھەقىقەتلىرى

2017-09-06 11:05:38     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
سىز  ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز:
سىزنى بەختلىك قىلىدىغىنى كەڭ قورساقلىق بىلەن مېھرىبانلىق، سىزنى خاتىرجەم قىلىدىغىنى چۈشىنىش ۋە ئىشەنچ.
سىز ئۆتمۈشنى ئۆزگەرتەلمەيسىز، بىراق ھازىرنى ئۆزگەرتەلەيسىز:
ئۆتۈپ كەتكىنى كېتىۋەرسۇن، كەلگۈسى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، چۈنكى زۆرۈر بولمىغان يۈكنى چۆرۈۋەتكەندە، تۇرمۇش ئاندىن تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ. كىشىلىك ھايات تولىمۇ قىسقا، بىزنىڭ ئۇنى ياخشى ئۆتكۈزمەسلىككە يەنە نېمە ئاساسىمىز بار؟ نۇرغۇن ئىشلار سىزنىڭ قىلىشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ، ئىنتايىن مۇھىم ئادەملەر سىزنىڭ قەدىرلىشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ، كەينىڭىزگە قارىماڭ، ئالدىڭىزدىكى دۇنيا تېخىمۇ گۈزەل.
يول ھەرقانچە ئەگرى-توقاي ۋە تىك بولسىمۇ، ئۆزىڭىزنىڭ يولىنى مېڭىڭ. بىراق چۇقۇم ئالغا قاراپ مېڭىڭ. قىيىنچىلىق ھەرقانچە ئېغىر بولسىمۇ، ھەرگىز ئىككىلەنمەڭ ھەم پۇشايمان قىلماڭ. چۈنكى، ئۆتمۈشنى ئەسلىگىنىڭىزدە، سىزنىڭ كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغىنىڭىز ئەنە شۇ ئازاپلىق ۋە كۆز يېشى تامچىلىغان يول، سىز ئاۋازىڭىزنى قۇيۇۋېتىپ مەغرۇرانە توۋلىيالايسىز. قاراڭلار، مانا بۇ مەن ئۆزەم ماڭغان يول.
سىز ئەتىنى بىلەلمەيسىز، بىراق بۈگۈننى تۇتۇپ تۇرالايسىز:
سىز تۇرمۇشقا كۈلۈپ باقسىڭىز تۇرمۇشمۇ سىزگە قاراپ كۈلۈمسىرەيدۇ. سىز چىراينى تاللىماڭ، بىراق سىز ئاشۇ كۈلۈمسىرەشلىرىڭىز بىلەن مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرالايسىز. ئۇلاردىن ھاياتىڭىزدا ھەقىقىي سىزنى بىلىدىغان ھەمراھىڭىزنى تاپالايسىز، ھەقىقىي ئىشەنچىلىك دوستلىرىڭىزنى تاپالايسىز، مانا بۇ بەخت.مەيلى ھەرقانداق ۋاقىتتا بولمىسۇن، مەيلى سىز نىمىلا قىلماڭ، مەيلى قانداق مۇھىتقا دۇچ كەلمەڭ، سىز شۇنى بىلىڭكى، شۇنداق بىر ئادەم بار، ئۇ سىزنىڭ ئۆيگە قايتىشىڭىزنى ھەر ۋاقىت ساقلاپ تۇرىدۇ. شۇنداق بىر ئادەم باركى، ئۇ سىز بىلەن بىرگە سىزنىڭ خۇشاللىقىڭىز ۋە ئازابىڭىزدىن تەڭ بەھرىمەن بولالايدۇ، سىزنىڭ قەيسەرلىكىڭىز ۋە ئاجىزلىقىڭىزنى كۆرۈپ تۇرالايدۇ. مانا بۇ كۆڭۈلنىڭ تەسەللىيسى.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى