قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چىلاندىكى ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى يەل-يېمىشلەر ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغاچقا، «ۋىتامىن شاھى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ

2017-09-08 13:58:49     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
چىلاندا ئاقسىل، ماي، قەنت، كاروتىن، ۋىتامىن B، ۋىتامىن C، ۋىتامىن P ۋە كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلەر مول بولىدۇ. بولۇپمۇ چىلاندىكى ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى يەل-يېمىشلەر ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغاچقا، «ۋىتامىن شاھى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
كىلىنىكىلىق تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، داۋاملىق چىلان يەپ تۇرىدىغان ئاغرىقلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى، پەقەت ۋىتامىنلارنىلا يەيدىغان ئاغرىقلاردىن ئۈچ ھەسسە تېز بولىدىكەن. ھوردالغان چىلان ئاسان ھەزىم بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تال ۋە ئاشقازان زەئىپلەشكەن كىشىلەرگە مۇۋاپىق كېلىدۇ. ماغدۇرسىز، جىگەر ۋە بۆرەك ئاجىز كىشىلەر چىلاننى ئالقات ۋە تۇخۇم بىلەن قوشۇپ ھورداپ يېسە بولىدۇ. ئادەتتىكى كىشىلەر چىلان ۋە پىچەكگۈلنى بىرلىكتە دۈملەپ يېسە بولىدۇ. يېرىم توغرالغان چىلان ۋە ئۇششاق توغرالغان پىچەكگۈلنى ئازراق سوغۇق سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ، سۇس ئوتتا 20 مىنۇت دۈملەپ يېسە مەنپەئەت قىلىدۇ.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى