قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دادا، بىزنىڭ پۇلىمىز بارمۇ؟

2017-09-08 15:43:00     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
بىر بالا دادىسىدىن سوراپتۇ:
- دادا، بىزنىڭ پۇلىمىز بارمۇ؟
- مېنىڭ بار، ئەمما سېنىڭ يوق. مەن بۇ پۇلنى تىرىشىپ-تىرمىشىپ، جان تىكىپ ئىشلەپ ئاران تاپقان. سەنمۇ كەلگۈسىدە تىرىشىپ ئىشلىسەڭ تېخىمۇ كۆپ پۇلنىڭ  ئىگىسى بولالمايسەن.
يەنە بىر بالىمۇ دادىسىدىن سوراپتۇ:
- دادا بىزنىڭ پۇلىمىز بارمۇ؟
- بار، ناھايىتى كۆپ پۇلىمىز بار. بۇ پۇللارنىڭ ھەممىسى كەلگۈسىدە سېنىڭ بولىدۇ.
  ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل جاۋاپ ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل تەربىيەنى بەلگىلەيدۇ، ئوخشاش  بولمىغان ئىككى خىل تەربىيە ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ھاياتلىق يولنى پەيدا قىلىدۇ.
ناھايىتى روشەنكى، بىرىنچى دادىنىڭ جاۋابى بىر بالىنىڭ توغرا بولغان بايلىق قارىشى ۋە كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىنى تۇرغۇزىشىغا ياردەم بېرىپ، بالىنى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشايدىغان ھالال ئەمگەكچىگە ئايلاندۇرۇشى، ئەمما ئىككىنچى دادىنىڭ جاۋابى بىر بالىنى ئاجىز، ئىقتىدارسىز، مۇستەقىل ياشىيالمايدىغان، ئاتا-ئانىسىغا تايىنىۋالىدىغان، ھورۇن، تەييارتاپقا ئايلاندۇرۇپ قويۇشى مۈمكىن.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى