قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشقا تېگىشىلىك ئېسىل ئادەتلەر

2017-09-08 15:51:09     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
 كەڭ قورساقلىق.
كەڭ قورساقلىق پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ سالاپەت. كەڭ قورساقلىق تۇرمۇشقا بىر خىل ياخشى نىيەتتە مۇئامىلە قىلىش، كىشىگە ئەڭ ساپ نىيەتتە مۇئامىلە قىلىش بىلەن مەزمۇنلانغان ھاياتلىقنىڭ ئەڭ يۈكسەك سۈپەتلىرىنىڭ بىرى. پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن كىشىلەرگە مېھرى- شەپقەتلىك ۋە ئەپۇچان بولۇش، مەيلى باشقىلار سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلسۇن ياكى قىلمىسۇن، ھەممىسىگە كەڭ قورساق بولۇش بىز ھەۋەس قىلىدىغان كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئەڭ يۈكسەك سالاپەتتۇر.
ئامان ئېسەنلىك.
پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ ئۈمىد ئامان- ئېسەنلىك. بايلىق ۋە مەرتىۋە نۇرغۇن ئادەم پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىنتىلىدىغان، قوغلىشىدىغان مېھرى ئىسسىق بىر نەرسە، ناۋادا بايلىق ۋە مەرتىۋىگە ئېرىشكەن تەقدىردىمۇ ئامان- ئېسەنلىككە ئېرىشىش مۇمكىن بولمىسا، بۇنداق ھاياتتا ئۈمىد بولمايدۇ، ئۇنىڭدىن بىرەر ئەھمىيەتكە ئېرىشىشمۇ مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا دەيمىز، تۇرمۇشتىكى ئەڭ چوڭ ئۈمىد ئامان- ئېسەنلىك، ئامان- ئېسەنلىك بولغاندىلا بەختمۇ بولىدۇ، دەيمىز.
پىسخىك ساپا.
ھاياتنىڭ خوشال ياكى خوشال ئەمەسلىكىنى كەيپىياتنىڭ قانداقلىقى بەلگىلىسە، بەختلىك ياكى ئەمەسلىكىنى پىسخىك ساپا بەلگىلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ئەمەل- مەنسەپ خاتىرجەم مەئىشەتكە يەتمەيدۇ، مەئىشەت ئۆمۈرگە يەتمەيدۇ، ئۆمۈر ساغلام كەيىپىياتقا يەتمەيدۇ، ساغلام كەيپىيات خوشالىققا يەتمەيدۇ. دېمەك، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ بەخت خوشال- خورام ياشاشتۇر.
ساغلاملىق.
پۇل- بايلىق، ئورۇن- مەرتىۋە ۋاقىتلىق، شان- شەرەپ بىر كەچمىش، پەقەت ساغلاملىقلا ئۆزىمىزنىڭ. بەدەننىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى سىرلارنى بىلىش، بەدەننىڭ ھەقىقىي تەلىپى ۋە ئېھتىياجىغا بويسۇنۇش، بەدەننىڭ ئەركىن ھەركىتىگە يول قويۇش دەل ساغلاملىقنىڭ شەرتلىرى، چۈنكى ساغلاملىق ئىنتايىن يۈكسەك تەبىئىيلىكنىڭ نەتىجىسى، كىشى ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ بايلىق.
ئۈمىدۋارلىق.
پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ پاراسەت ئۈمىدۋارلىق.  بۇ ھاياتتا ئېرىشىش بولغانىكەن، يوقىتىشمۇ ھەم بولىدۇ، ھايات دېگەن تولىمۇ قىسقا مۇساپە، شۇڭا خوشال- خورام ياشاشنىڭ يولىنى قىلىپ، ئۆزىنىڭ يولىدا مېڭىش، ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى ياشاشتىنمۇ ئارتۇق دانالىق يوق.
قەدىر- قىممەت.
پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ دەسمايە قەدىر- قىممەتتۇر. ئادەملەرنىڭ بۇ ھاياتتىكى يۈكسەك پەزىلىتى ئالدى بىلەن باشقىلارنى ئويلاشتۇر، بۇنىڭ ماھىيىتى قەدىر- قىممەتتۇر، بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ھەر قانداق بەدەل تۆلەشكە ئەرزىيدۇ، ئەمما بەدەل تۆلەش  پەيدا قىلىدىغان ئىچ پۇشۇقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھالقىسىدىمۇ ئىزدىنىدىغىنىمىز ئەڭ ئاخىرقى قەدىر- قىممىتىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئىكەنلىكىدە شەك يوق، شۇڭا ھەر بىر ئادەم ئادەم بولۇشنىڭ ئۆلچىمىنى قەدىر- قىممەتكە باغلىمىسا، ئۇنىڭغا ھەممىدىن بەكرەك ئەھمىيەت بەرمىسە، شۇنداقلا ئۇنى جېنىنى تىكىپ قوغدىمىسا بولمايدۇ. بولۇپمۇ پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ قەدىر- قىممىتىنى قوغدىشى، سالاپەتلىك ياشىشى، مېھىر- مۇھەببەتلىك ياشىنىشىنى قوغلىشىش نىشانى قىلغىنى تۈزۈك.
غەزەپلىنىش.
پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ ئەخمەقلىق غەزەپلىنىش. ئەخمەقلىقنىڭ ماھىيىتى بىلمەسلىك، ئېنىق چۈشەنمەسلىك. ئادەمدە چۈشەنمەسلىك بولسا، كۆڭۈلسىزلىككە دۇچ كەلسىلا ئالەمنى مالەم قىلىدىغاندەك غەزەپلىنىدۇ، بۇ چاغدا ھەممىنىڭ كۆڭلى غەش بولىدۇ. ئەڭ يامىنى غەزەپكە تولغان تۇرمۇشتىن خوشاللىق تەدرىجى يىراقلىشىدۇ، شۇڭا پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن غەزەپنى ئازايتىش، بولسا غەزەپلەنمەسلىك  ئەڭ دانا ئۇسۇل.
قانائەتچانلىق.
پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، ئادەم ئېرىشىدىغان ئەڭ چوڭ ھوسۇل قانائەت بولىدىغانلىقىدا شەك يوق. ھەر قانداق ئادەم بەلگىلىك ئېرىشكەنلىرى بولۇشنى، تېگىشلىك مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشنى، بەلگىلىك ھوسۇلغا ساھىب بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئۇنداق بولسا پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ ھوسۇل نېمە؟ بۇ دەل ئادەمگە ئاسان تېگىل بولمايدىغان قانائەتچانلىق. ئادەم پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن شۇنى ھېس قىلىدۇكى، ئەمەلىيەتتە ئاددىي تۇرمۇش ئەڭ بەختلىك تۇرمۇشتۇر. قورساق ئاچقاندا، بىر ۋاق تاماقنىڭ ئۆزى بەخت، قورساق بىر قېتىم تويسىلا رازى بولىمىز؛ ئۇسسۇغاندا بىر ئىستاكان سۇغا ئېرىشىش بەختنىڭ نەق ئۆزى، ئەمما سۇمۇ ئىچىپ قانغۇدەك بولسىلا كۇپايە؛ نامراتلىققا پاتقاندا پۇل بىردىنبىر بەخت، ئەمما ئېھتىياجدىن ئېشىپ كەتكەن بايلىق بالا- قازا؛ ھارغاندا بىردەم ئارام ئېلىشنىڭ ئۆزى بەخت، پۇت- قولىنى سۇنۇپ يېنىك تىن ئالساقلا كۇپايە. كىشىلىك ھايات ھەقىقىي مەنىسىدىن پەقەت ئادەمنىڭ ئۆزىگىلا باقىدۇ.
ئۆزى بولۇپ ياشاش.
مەيلى پېنسىيەگە چىقىشتىن ياكى پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن بولسۇن، تۇرمۇشتا ئۆزى بولۇپ ياشاشنىڭ ئەھمىيىتى چەكسىز. ھاياتنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى خىزمەت، ئاتا- ئانا، ئائىلە ۋە پەرزەنت دەپ ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز، ئۆزىمىز بولۇپ ياشاش، ئۆزىمىزنىڭ خاراكتېرىنى نامايەن قىلىش، سالاپەت بىلەن ياشاش ئەڭ مۇھىم، ئەمەلىيەتتە بۇ بەختلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ يارقىن جۇلاسى. پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، ھەممىمىزنىڭ قوغلىشىدىغان نىشانىمىز ۋە چىڭ تۇرىدىغان پىرىنسىپىمىز بولسۇن! ئۆزىمىزگىلا خاس نۇرىمىزنى جەۋلان قىلايلى، بۇ ئەلۋەتتە جاھان بىزگە بەرگەن ھوقۇق!
تەبىئىيلىككە بېقىش.
پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ ئۆزگەرمەيدىغان ھەقىقەت شۇكى، تەبىئىيلىك ۋە قانۇنىيەتكە بويسۇنۇش. بۇ ھاياتتا تۈگىمەس ئىشلار، تەبەسسۇمغا تەسلىمدۇر ئۇلار دېگەندەك، كىشىلىك ھاياتقا يۈزلەنگەندە بىز دۇچ كېلىدىغان مۇنداق ئىككى رېئاللىق بار: بىرى، ھەممىگە كۈلۈمسىرەپ مۇئامىلە قىلىش؛ يەنە بىرى، پەقەت ئادەملەرگە خاس قەدىر- قىممەت بىلەن ياشاش، ئەمەلىيەتتە تۇرمۇش بىزنىڭ بۇ ئاددىي چۈشەندۈرۈشىمىزدىنمۇ ئاددىي.
پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن شۇنى بېلىشىمىز كېرەككى، تۇرمۇشتىكى ھەممىلا نەرسە سەۋەب- نەتىجە مۇناسىۋىتىگە ئىگە. تۇرمۇشنىڭ ماھىيىتى خوشاللىق بىلەن قايغۇ، بەخت بىلەن مۇشكۇلاتنىڭ بىرىكمىسى، شۇڭا تۇرمۇشقا شادلىق بىلەن يىغا ھۆسن قوشىدۇ. دېمەك، ئادەم تەبىئەتتە ياشىغان ئىكەن، تەبىئىي قانۇنىيەتكە بويسۇنۇشى، ھەر قانداق ئىشقا بەكمۇ خوشال بولۇپ كەتمەي، بەكمۇ قايغۇرۇپ كەتمەي، مۇئامىلە قىلمىقى زۆرۈر.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى