قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

پۇشايمان ئۆزىگە دۈشمەن

2017-09-08 15:57:59     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
مەلۇم بىر كىشى بەش يىلنىڭ ئالدىدا پاي چېكى بازىرىغا قەدەم قويۇپتۇ ھەمدە سەزگۈرلىكىگە تايىنىپ قىسقىغىنە بىر نەچچە يىلنىڭ ئىچىدىلا ناھايىتى كۆپ پۇلغا ئېرىشىپتۇ. شۇ چاغلاردا ئۇ ئەمدىلا 40 ياشتىن ئاشقان ئىكەن.  ئۇنىڭ تازا ئامىتى كېلىپ بېيىۋاتقان مەزگىللەردە، پاي چېكى بازىرى بىردىنلا داۋالغۇپ، بىر ئاي ئىچىدىلا قولىدىكى نەچچە مىليون پۇلىدىن ئايرىلىپلا قالماي، يەنە نەچچە مىليون يۈەن قەرزگە بوغۇلۇپ قاپتۇ. نەتىجىدە، ئۇ پۇشايمان ۋە ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە نىمە قىلارىنى بىلەلمەي قاپتۇ.
تۇرمۇشتا بۇنداق تىپىك مىساللار كۆپ. بەزى كىشىلەر ئۆمۈر بويى پۇشايمان قىلىپلا ئۆتىدۇ. پىسخولوگىيە تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئىستاتىستېكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئادەم ئۆمرىنىڭ 10\1قىسىم ۋاقتىنى ئۆزىنىڭ ھەر كۈندىكى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلىرى، يەنى ئۆزىنىڭ ئىش-ھەرىكىتى، بەزىدە ئۆزىنىڭ پوزىتسيەسى، بەزىدە ئۆزىنىڭ تاللىشى ئۈچۈن پۇشايمان قىلىشقا سەرپ قىلىدىكەن. كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، پۇشايمان قىلىشتىن ئىبارەت بۇ پاسسىپ كەيپىيات بىردەمدىلا غايىپ بولۇپ كېتىدىكەن، لېكىن ئايرىم كىشىلەر پۇشايمان-ھەسرەت پاتقىقىغا چوڭقۇر پېتىپ، كەلگۈسى تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىنى يوقىتىپ قويىدىكەن.
پىسخولوگىيە تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، پۇشايمان قىلىش ۋە ئۆزىنى ئەيىبلەشنىڭ ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق پايدىسى يوق ئىكەن. ئەگەر پۇشايمان قىلمايمەن دېسىڭىز، ئۇ ھالدا چوقۇم ھەممىنى بىلىدىغان، دۇنيادا تەڭدىشى يوق قالتىس ئادەم بولۇشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. دېمەك، سىز ھەممىنى بىلىدىغان خاسىيەتلىك ئادەم بولسىڭىزلا، ئاندىن پۇشايمان ۋە ئۆكۈنۈشتىن خالىي بولالايسىز دېگەن گەپ. ھالبۇكى بۇ مۇمكىنمۇ؟  ئىنسان نۇرغۇن بىلمەسلىكلەر ئىچىدە مەۋجۈت بولۇپ تۇرىدۇ. دېمەك، ھەمىشە پۇشايمان يەپ ئۆزىنى ئەيىبلەيدىغان ئادەم ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ نېمىشقا ھەممىنى بىلىپ بولالمىغانلىقىدىن ئاغرىنىدۇ، خالاس.
دېمەك، ئەگەر خۇشال ۋە ئازادە ياشىسام دېسىڭىز، چوقۇم ئارتۇقچە غەم-قايغۇدىن قانداق خالاس بولۇشنى ئۆگىنىۋىلىڭ، ئەگەر سەۋەنلىكىمىز ئۈچۈن ئۆكۈنۈشكە توغرا كەلسە، ئۇ ھالدا تۇرمۇشىمىز ساناپ تۈگەتكۈسىز ئۆكۈنۈشلەر ئىچىدە ئۆتكەن بولاتتى. سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن بولسىڭىز ھەم ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۋالغىلى بولمىسا، ئەڭ ئاقىلانە ئۇسۇل - ساۋاقنى قوبۇل قىلىپ، تەجرىبە توپلاپ، بۇنىڭدىن كېيىن قايتا سەۋەنلىك سادىر قىلمىسىڭىزلا بولىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سىزنىڭ بەختسىزلىكىڭىز سىزنىڭ نېمىدە كەتكۈزۈپ قويغانلىىڭىزدا ئەمەس، بەلكى شۇ سەۋەنلىككە مەھكەم ئېسىلىۋېلىپ ئەتىدىن كەچكىچە پۇشايمان يەپ، ئىشنى يېڭى باشتىن باشلاشنى بىلمىگەنلىكىڭىزدە.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى