قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئوقۇغۇچىلارنى ماختاشتىكى تۆت ئۇسۇل

2017-09-10 21:13:04     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ماھىرە ئابدۇرېھىم

بىرىنچى ئۇسۇل: ئەرزىمەيدىغان ئىشلارغىمۇ ماختاش. پېداگوگ تاۋ شىڭجى: «ھەقىقىي تەربىيە قەلبتىن قەلبكە تەسىر كۆرسىتىدىغان پائالىيەتتۇر، چىن يۈرەكتىن چىققان تەربىيەلا ئاندىن يۈرەكنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ» دېگەن. ماختاشمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانچىكىم ئىپادىلىرى ئۈچۈنمۇ «بارىكاللا!»، «يارايسىز!» دەپ ماختىسا، ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى بىلەن ئىجادىيەت يالقۇنىنى قانداقمۇ ئۇلغايتقىلى بولسۇن؟ ماختاش سۆزلىرى ئوقۇتقۇچىنىڭ چىن يۈرىكىدىن چىققاندىلا ئاندىن ئوقۇغۇچىلارنى تەسىرلەندۈرەلەيدۇ ۋە ئىلھاملاندۇرالايدۇ.
  ئىككىنچى ئۇسۇل: مەقسەتسىز ماختاش. ماختاش ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىنى نىشان قىلمايدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ ياخشى ئىش، ياخشى ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. شۇڭا، ئوقۇغۇچىلارنى قارىقويۇق ماختىماي، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشىغا ئاساسەن ماختاش كېرەك. مەسىلەن، «سەن دەرسنى بەك ئەستايىدىل ئاڭلايسەن» دېگەن گەپ بىلەن «سەن بەك ئەستايىدىل» دېگەنلەر ماختايدىغان گەپلەر بولسىمۇ، لېكىن ئالدىدىكىسى «دەرس ئاڭلاش»تىن ئىبارەت ھەرىكەتكە قارىتىلغان بولغاچقا، ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ «ئاڭلاشتا ئەستايىدىل بولغانلىقى» سەۋەبىدىن ماختالغانلىقىنى ھېس قىلىپ، دەرس ئاڭلاشتا تېخىمۇ ئەستايىدىل بولۇشقا تىرىشىدۇ. ماختاش ئوقۇغۇچىنىڭ ئەمەلىيىتىدىن چەتنەپ، ئۆزىگە قارىتىلىپ قالسا بولمايدۇ. مەسىلەن، ماتېماتىكا دەرسىدە، بىر ئوقۇغۇچى ئەستايىدىل كۆزىتىش ۋە ئويلىنىش ئارقىلىق سانلار ئارقىمۇ ئارقىلىقىنىڭ قانۇنىيىتىنى تېپىپ چىقتى، ئوقۇتقۇچى دەرھال ئۇنى «نېمانداق ئەقىللىق سەن!» دەپ ماختىدى، دەيلى. بۇ ۋاقىتتا «نېمانداق ئەقىللىق سەن!» دېسەك، بۇ سۆز ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىگە قارىتىلىپ، ئوقۇغۇچى ئەقىللىق بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئېيتىلغاندەك، ئۇنىڭ ئۆگىنىش بىلەن ئالاقىسى يوقتەك تۇيغۇ بېرىدۇ. بۇنداق ماختاش ئەمەلىيەتتە شۇ ئوقۇغۇچىنى خاتا يېتەكلەپ قويىدۇ، باشقا ئوقۇغۇچىلارنىمۇ «مۇشۇ مەسىلىنى يېشەلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن بىز دۆتمۇ؟» دېگەن تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. ئەگەر، مۇشۇ ۋاقىتتا«نېمانداق ئەقىللىق سەن!» دېيىشنىڭ ئورنىغا «سەن توغرا كۆزىتىپ، توغرا ئويلاپسەن» دېسەك، بىزنىڭ ماختىشىمىز ئوقۇغۇچىنىڭ ئويلىنىش ھەم كۆزىتىش ھەرىكىتىگە قارىتىلىدۇ - دە، ئوقۇغۇچىلار مۇئەللىمنىڭ نېمىنى ماختاۋاتقانلىقىغا قاراپ، ئۆزلىرىنىڭ تىرىشىش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالىدۇ.
ئۈچىنچى ئۇسۇل: سېلىشتۇرۇپ باھالاش. لايىقىدا ماختاش ئوقۇغۇچىلارنى تەسىرلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا ئىلھام بېرىدۇ، كۆمۈلۈپ قالغان تالانتىنى ئاچىدۇ. ئەمما، سېلىشتۇرۇپ ماختىغاندا، بىرلا ئوقۇغۇچىنىڭ تىرىشچانلىقىغا ئىلھام بېرىلىپ، باشقىلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىغا سوغۇق سۇ سېپىلىپ قالىدۇ. شۇڭا، ئوقۇغۇچىلارنى بىر - بىرىگە سېلىشتۇرۇپ ماختاشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك. بىر قېتىم ئوچۇق دەرس ئاڭلىغىنىمدا، ئوقۇتقۇچى بىر ئوقۇغۇچىنى مەلۇم مەسىلىنى چۈشەندۈرۈشنى ئېيتقاندا، بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ چۈشەندۈرۈشى ئوقۇتقۇچىنى رازى قىلالمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچى يەنە بىر ئوقۇغۇچىنى ئورنىدىن تۇرغۇزدى. كېيىنكى ئوقۇغۇچى مەسىلىنى جايىدا چۈشەندۈردى. ئوقۇتقۇچى دەرھاللا ئۇنى: «زادى سېنىڭ تەپەككۇرۇڭ باشقىلارنىڭكىدىن ئۆتكۈر!» دەپ ماختىدى. ماختالغان ئوقۇغۇچىنىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى، لېكىن ئاۋۋال جاۋاب بەرگەن ئوقۇغۇچىنىڭ چىرايى ئۆڭۈپ كەتتى، بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار كۇسۇرلاشتى.
 تۆتىنچى ئۇسۇل: ئادالەتسىز ماختاش. ئوقۇتقۇچى ئورنىدىن تۇرغۇزغان ئوقۇغۇچى سوئالغا توغرا جاۋاب بەرسە، ماختاشقا ئېرىشەلەيدۇ. باشقىلار بۇنى نورمال ئىش دەپ قارايدۇ. ئۇنداقتا، سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن قول كۆتۈرگەن، ئەمما ئوقۇتقۇچى سوئال سورىمىغان ئوقۇغۇچىلار ناچار ئوقۇغۇچىلارمۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس. بۇنداق ماختاش ئۇسۇلى باشقا ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئادالەتسىزلىك بولۇپ قالامدۇ قانداق؟ گۇرۇپپىلار بويىچە مەشىق ئىشلىگەندە، شۇ گۇرۇپپىغا ۋاكالىتەن مەشىق نەتىجىسىنى دوكلات قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىلا ماختىسا بولمايدۇ، چۈنكى، ئۇنىڭ دوكلاتى گۇرۇپپىدىكى ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ تىرىشچانلىقىدا ۋۇجۇدقا چىققان. بۇنداق ۋاقىتتا، «ناھايىتى توغرا جاۋاب بەردىڭىز» دېگەن ماختاشنىڭ ئورنىغا «سىلەرنىڭ گۇرۇپپاڭلار مەسىلىنى ناھايىتى ئوبدان ئىشلەپتۇ» دەپ ماختىسا، تېخىمۇ ئادىل، توغرا ھەم ئۈنۈملۈك بولىدۇ.
 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى