قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىرلىكتە سۈرەتكە ئالغان مەخسۇس فىلىم «تەڭرىتاغ قەسىمى» شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى 3 خىل تىل، 15 قانالدا كۆرسىتىلدى

2017-09-13 19:17:32     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

9-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىرلىكتە سۈرەتكە ئالغان مەخسۇس فىلىم «تەڭرىتاغ قەسىمى» شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى 3 خىل تىل، 15 قانالدا كۆرسىتىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىر- ئامما فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن داۋاملىق ھالدا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى بىرلىكتە قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تۆۋەندە ئىستانسىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرى
مەخسۇس فىلىم «تەڭرىتاغ قەسىمى»دە، قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش مەخسۇس كۆرىشى قانات يايدۇرۇلىۋاتقان ھالقىلىق مەزگىلدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار ۋە تارماقلار، ھەر قايسى ساھەلەردىكى كادىر- ئاممىنىڭ يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئۈلگە قىلىپ، باش نىشان بايرىقىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىدە باسقۇچ خاراكتىرلىك نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى ھەمدە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش جەھەتتىكى يېڭى تەلەپلەرنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈلدى. قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى خۇرشىدە غوپۇر فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى:- مائارىپ سىستېمىسىدىكى پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، «ئىككى يۈزلىمىچىلەر»گە قارشى قەتئىي كۆرەش قىلىشىمىز؛ ئىدىيە ۋە ھەركەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما- تەلەپلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سوتسىيالىزىمنىڭ ئىشەنچىلىك ئىزباسارلىرىنى تەربىيەلەپ چىقىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.
تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى كونا شەھەر يولى ئىش باشقارمىسى چۈنشۇ يولى مەھەللىسىدىكى كادىرلار ۋە ئاھالىلار بىر يەرگە يىغىلىپ، مەخسۇس فىلىم «تەڭرىتاغ قەسىمى»نى كۆردى. فىلىمدىكى ھەر مىللەت كادىر- ئاممىنىڭ قەسەم سۆزلىرى ئۇلارنى ئىلھاملاندۇردى. مەھەللە مۇدىرى ئاينىساگۈل سالام مۇنداق دېدى:- بۇ فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن «3 خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلەر»گە قارشى كۆرەش قىلىش ئىرادىمىز ۋە ئىشەنچىمىز يەنىمۇ ئاشتى. مەھەللىدىكى ئاممىنى يېتەكلەپ، «3 خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلەر»گە قارشى قەتئىي كۆرەش قىلىمەن. شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى جۈملىدىن مەھەللىمىزنىڭ ئەمىنلىكىنى قوغداشقا تىرىشىمەن.
ماناس ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ماناس بازىرى نەنچىڭ مەھەللىسىگە چۈشكەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى جاڭ لۇڭ مۇنداق دېدى:- ئۆز خىزمىتىمگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىمەن. بايراق چىقىرىش، ئىمزا قويۇش، قەسەم بېرىش، سۆھبەتلىشىش قاتارلىق پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسى، زوراۋانلىق- تېررورلۇق، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرىمەن. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ زور بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشىمەن.
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم ئىشخانىسى بارلىق خىزمەتچى خادىملارنى مەخسۇس فىلىم «تەڭرىتاغ قەسىمى»نى كۆرۈشكە تەشكىللىدى. كۆپچىلىك، يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئۈلگە قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ سادىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىسى ۋە ئالغا سىلجىتقۇچىسى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم ئىشخانىسى مەمۇرىي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھۈسەنجان توخنىياز مۇنداق دېدى:- يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن بىزنىڭ ياخشى ئۈلگىمىز. بىز ئۇنىڭ خەلققە، ۋەتەنگە، پارتىيەگە سادىق بولۇشتەك ئېسىل خىسلىتىدىن ئۆگىنىشىمىز؛ ئۇنىڭ «3 خىل كۈچ»كە قارشى كۆرەشنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇش روھىدىن ئۆگىنىشىمىز؛ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلەر»نى پاكىزە تازىلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياخشى ئاساس تىكلىشىمىز كېرەك.
تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى