قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى- سانجى يولىدىكى تۇدۇڭخابا مەنزىرە كۆۋرۈكىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى تۇتاشتۇرۇلدى

2017-09-13 19:47:36     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇنجى قوش قەۋەتلىك پولات لىملىق كۆۋرۈك-- ئۈرۈمچى- سانجى يولىدىكى تۇدۇڭخابا مەنزىرە كۆۋرۈكىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى تۇتاشتۇرۇلدى. بۇ كۆۋرۈكتە بۇ يىل 10- ئايدا قاتناش باشلىشىدىن ئۈمىد بار. كۆۋرۈك قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆرگەن قۇرۇلۇش ئىشچىسى جۇڭ ۋېنبىڭ ئىپتىخارلانغان ھالدا مۇنداق دېدى:- ھەقىقەتەن جاپالىق ئىشلىدۇق. كۆۋرۈك قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ بەك خۇش بولدۇم ھەمدە بەك ئىپتىخارلاندىم. ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان پارتىيە19- قۇرۇلتىيىغا سوۋغا سۈپىتىدە سۇنىمىز. ئۈرۈمچى- سانجى يولىدىكى تۇدۇڭخابا مەنزىرە كۆۋرۈكى ئىككى قەۋەتلىك بولۇپ، قوش يۆنىلىشتە 8 ئاپتوموبىل قاتارلىشىپ ماڭالايدۇ. كۆۋرۈكنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى كۆرۈنۈش تەڭرىتاغقا سىموۋول قىلىنغان بولۇپ، شىنجاڭ چوڭ تىياتىرخانىسىدىكى «تەڭرىتاغ قار لەيلىسى»گە تولىمۇ ماس كېلىدۇ. كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن كۆۋرۈكنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئاممىنىڭ بېرىش- كېلىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ. نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى- سانجى يولىدىكى تۇدۇڭخابا مەنزىرە كۆۋرۈكىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى يان كۆۋرۈك بىلەن ئاساسىي كۆۋرۈك تۇتاشتۇرۇپ بولۇندى.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى