قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تۇرغان پىدانىڭ ئىمزالىق ماقالىسى بېسىلدى

2017-09-13 19:47:36     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

تۈنۈگۈن نەشىردىن چىققان شىنجاڭ گېزىتىگە بېسىلغان ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى (دىن ئىشلىرى ئىدارىسى) پارتىگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى تۇرغان پىدانىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدا مۇنداق دېيىلدى: «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» دائىم دىگۈدەك «مىللەت ئۈچۈن مەنپەئەت يەتكۈزۈش»نى بايراق قىلىۋېلىپ ياكى «دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداش» باھانىسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ ئالدامچىلىق قىلىدۇ ۋە زىيان سالىدۇ. پارتىيەلىك كادىرلار مەيلى قايسى مىللەتتىن بولسۇن، ئۇ ئۆزى كېلىپ چىققان مىللەتنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلماستىن بەلكى جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. «مىللىي مەنپەئەتنى قوغداش» باھانىسى بىلەن جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بىر پۈتۈن مەنپەئەتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار-- مىللەتنىڭ گۇناھكارلىرى ھىساپلىنىدۇ. «دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداش» باھانىسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققانلارنى «كومپارتىيە ئەزاسى» دېيىشكىمۇ بولمايدۇ. پارتىيەلىك كادىرلار ئارىسىغا يۇشۇرۇنغان بەزى كىشىلەر بۆلگۈنچىلەرگە ھىسداشلىق قىلىپ ۋە ئۇلارنى قوللاپ كەلمەكتە. تېگى- تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلار ئىتتىپاقلىق ۋە مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلار، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق دۈشمەنلىرى ھىساپلىنىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ جىسمىدىكى «مىللەت» ۋە«دىن» ئۇقۇمىغا ئالدىنىپ قالماسلىقىمىز، بۇ بىرمەيدان كۆرەشنىڭ كەسكىنلىكى ۋە نازۇكلىقىنى ئېنىق تونۇشىمىز كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى