قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قوشنىمىزنىڭ بالىلىرى

2017-09-13 19:54:46     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
ئاپام بۇرۇندىن تارتىپ مىنى باشقىلارنىڭ، قوشنىمىزنىڭ بالىلىرى بىلەن بەكلا بەسلەشتۈرەتتى.
-قارا ئاۋۇ مايسىخاننىڭ ئوغلى يۇقىرى نۇمۇر ئېلىپ ھەر يىلى ئۈچتە ياخشى بولىدىكەن. سىنىپ مەسئۇلىڭ دىدى، سىنىپىڭلاردىكى قاۋۇل كىچە كۈندۈز كىتاپ ئوقۇپ، مانا مەكتەپ بويىچە بېرىنچى بوپتۇ، ھە، قوشنىمىزنىڭ ئايزىمنىڭ بالىسى مايزىم بارغۇ ، ئۆيىدىكىلىرى ياردەملىشىپ بىر يىللىق ئوتۇن دىگەنى يېرىپ تەييار قىلىۋىتىپتۇ، پاشاخاننىڭ قىزى شاشاخانغۇ پادا باقىدىغان ئىشقا ئاتا-ئانىسىنى پەقەت ئارىلاشتۇرمايدىكەن، ۋىيى ۋىيى ، سەنمۇ قاچان شۇلارنىڭ بالىسىدەك بولارسەن؟
-مەنمۇ ياخشىغۇ ئاپا، مەنمۇ كۆمەرلىرىڭنى پارچىلاپ بېرىمەنغۇ، ئۇنداقمۇ دەپ كەتمە ،مەنمۇ بولارمەن. 
- ۋوي قويغىنە، پارچىلىغان كۆمەرلىرىڭنىمۇ كۆردۈم، نىمە ئۇ ، بىراق ئۇۋىتىپ ، زىيانلا سالىسەنغۇ ئادەمگە.
(ئىشىك چىكىلىدۇ)
-ماڭە چىقىپ ئىشىكنى ئاچە.
-ئەسسالام.....
-ۋۇي كىرسىلە ھاشىماخۇن.
-ھە پاتەمخان ،باشقا ئىش يوق،ما بىزنىڭ باغنىڭ ئۆرۈكىنى ئەكىرگەچ كىرگەن، قارىسىلا ،سۇغۇرتا شېركىتىدە ئىشلەيدىغان بىر تونۇشۇم بارتى دىسىلە، قايسى كۈنى كەپتۇ. گەپ قىپ بەردى، مۇشۇ بىر قوشنىسىنىڭ ئوغلى ماشىنا ھادىسسىگە ئۇچراپتىكەن،ئۇ بالا سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ قويغاچقا،سۇغۇرتا شېركىتى ۋە شوپۇر بىر مۇنچە تۆلەم بېرىپتۇ ،نۇرغۇن پۇلغا ئېرىشىپتۇ دەيمەن، بۇ سۇغۇرتا دىگەنمۇ ياخشى نەرسىكەن جۇمۇ
-ۋاي ھاشىماخۇن ، بۇ سۇغۇرتا بىلەن مىنىڭ كارىم يوق، ھەي ، كۆردۈڭمۇ خەقنىڭ بالىسىنى، كاللىسى چاقماقتەك ئىشلەيدىغان بالىكەن، ماشىنىسىنى سوقۇپ قۇيۇپ يەنە بىرمۇنچە تۆلەم تۆلىگۈزۈپتۇ دەيدۇ. سەنچۇ ....ھەي سەن ھېچنىمە قىلالمايسەن مانا…… خەقنىڭ باللىرى قانداق باللاركىن
-ئۇھ……
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى