قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

نىمە ئىش بولدى

2017-09-13 19:55:36     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
ئىككى ساۋاقداش ئۆز-ئارا پاراڭلىشىپ قاپتۇ:
-قار اسەنەم، بۈگۈن ئاجايىپ بىر ئىش بولدى دىگىنە،
-نىمە ئىش بولدى ئەلەم؟
-بۈگۈن ئەتىگەن دەرسكە كېچىكىپ قالدىم.ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ كىرىپلا،مۇئەللىمنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇردۇم.بالىلار تېپتېنىچ ئولتۇرۇپتۇ.مۇئەللىم ماڭا قاراپ:«ئەمدى كېچىكمەڭ،قېنى ئولتۇرۇڭ»دەپلا دوسكىغا قاراپ خەت يېزىشقا باشلىدى. ۋۇي، بۇ قىززىققۇ ،ئىلگىرى "ئۆيۈڭدە باقىدىغان  كالاڭ ، سۈت تەڭشەيدىغان بالاڭ بارمىتى"دەپ قاقشايدىغان مۇئەللىم بۈگۈن مىنى سىزلەپ  كېتىپتا…   دەپ ئويلىدىم،مۇئەللىم دوسكىغا خەت يېزىۋىتىپتىكەن،مەن جايىمغا بارغۇچە،ئۇنىڭ دۈمبە تەرىپىگە كېلىپ، ھەرخىل بوكسىيورلۇق مۇشت ئاتقان ھەرىكەت،بەللىرىمنى تولغان ھەرخىل ئۇسسۇل ئويناپ ،نايناقشىپ كەينىمگە ئۆرۈلۈپ تۇرۇپلا قالدىم……
-ھە نىمە بولدى؟ مۇئەللىم كۆرۈپ قالدىمۇ؟
-ئۇنىڭدىنمۇ يامىنى ، مەكتەپ مۇدىرلىرى ،باشقا سىنىپنىڭ مۇئەللىملىرى ھەممىسى كەينىدە بىر قاتار ئولتۇرۇپ كېتىپتۇ…… ئەمەسمۇ؟
-ئۇھ……ئەمدى  مەكتەپتە ناخشىچى ،پۇلبولچىلاردىن قالسىلا، سەن ئەڭ داڭلىق شەخس بوپ قاپسەندە……
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى