قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاددىي ئايالنىڭ قالتىس ھېكايىسى

2017-09-13 19:57:39     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

كونىلاردا «ئاياللار بىر قولىدا بۆشۈكنى تەۋرەتسە، بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ» دەيدىغان ھېكمەت بار. بۇ ئاياللارنىڭ مۇھەببەتلىك قەلبىگە، ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا ھەم يەنە تىرىشچانلىق بىلەن ئۆز دۇنياسىنى، تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشكە يۈزلىنەلەيدىغان جاسارىتىگە بېغىشلانغان سۈپەت سۆزى بولسا كېرەك. تۆۋەندە بىز ھېكايىسىنى سۆزلىمەكچى بولغان  ۋۇ باۋشۇ، ئەنە شۇنداق مېھرى-مۇھەببىتى ۋە ساداقەت مەسئۇلىيىتى بىلەن ئائىلىسىنى نۇرلاندۇرىۋاتقان ئاددىي ئايال، لېكلىن ئۇنىڭ تۇرمۇشىدىكى ھېكايىلەر ئۇنچىۋالا ئاددىي ئەمەس.
ۋۇ باۋشۇ بىلەن شۈ خۇاشىڭ ئىناق ئەر-خوتۇنلاردىن بولۇپ، تۇرمۇشى باي-باياشات بولمىسىمۇ ئەمگەكچان بىر جۈپ قوللىرىغا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامداپ كېلىۋاتاتتى. لېكىن بۇنىڭدىن 30 يىل بۇرۇن تەقدىر ئۇلارنىڭ مېھىر-مۇھەببەتلىك ئائىلىسىگە ئېغىر چاقچاقتىن بىرنى قىلدى. 1986-يىلى ماي ئېيىدا شۈ خۇاشىڭ خىزمەت  ئۈستىدە ئېغىر يارىلىنىپ، گەرچە ھاياتى قۇتقۇزىۋېلىنغان بولسىمۇ، بىراق ئۆمۈرلۈك پالەچ بولۇپ قالدى، دېمەك ئۇ ئەمدىكى ئۆمرىنى پەقەت كارىۋات ئۈستىدە ئۆتكۈزەتتى.
شۇنداق قىلىپ ئەينى يىللىرى ئەمدىلا 25 ياشقا كىرگەن ۋۇ باۋشۇنىڭ زىممىسىگە پۈتۈن ئائىلنىڭ يۈكى بىراقلا يۈكلەندى. بۇنىڭدىن باشقا پالەچ ئېرى بىلەن ئىككى پەرزەنتى ۋۇ باۋشۇغا قاراشلىق ئىدى. ۋۇ باۋشۇ ئەينى يىللىرىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى:« ئۇ يىللىرى ماڭا خۇدددىي ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشكەندەك بىلىندى. بالامنىڭ چوڭى ئەمدى تۆت ياشقا كىرگەنىدى، ئەينى چاغدا مەن نىمە قىلارىمنى بىلەلمەيلا قالغانىدىم»
ئاچچىق رىئاللىق ئالدىدا مەڭدەپ قالغان ۋۇ باۋشۇ كۆز ئالدىدا بولۇۋاتقان ئىشلارغا قاراپ بۇلارنى قوبۇل قىلماقتىن باشقا ئامال يوقلىقىنى تونۇپ يەتتى. ئۇ قانچىلىك قىينالسىمۇ ھېچقاچان بۇ ئائىلىدىن ۋاز كېچىشنى ئويلىمىغانىدى. شۇنداق قىلىپ ۋۇ باۋشۇ ئالدىغا قاراپ ماڭدى، شۇ ماڭغانچە توپتوغرا 31 يىلنى كەينىدە قالدۇرۇپ بۈگۈنگە كەلدى. ۋاقىت ۋۇ باۋشۇنى ئەينى يىللىرىدىكى 25 ياشلىق ياش ئانىدىن ھازىرقى 55 ياشقا ئۇلاشقان پىشقان تەجرىبىلىك ئايالغا ئايلاندۇردى. ئۇنىڭ مېھرى-مۇھەببىتى، مەسئۇلىيەت-ساداقىتى بىلەن ئەينى يىللىرى پەقەت ئالتە ئاي ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ دەپ دىئاگىنۇز قويۇلغان شۈ خۇاشىڭ 30 يىلنى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئۆتكۈزۈپ بۇ يىل 63 ياشقا كىرىدى.
ۋۇ باۋشۇ تىرىشپ- تىرمىشىپ كۆكتات تېرىپ سېتىپ باقتى، تۇخو بېقىپ تۇخۇم ساتتى، مۇشۇنداق قىلىپ يۈرۈپ ئۇ ئىككى پەرزەنتنى ئوقۇتتى، ئۆي-ئوچاقلىق قىلدى. ئېرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى ھېچكىمگە ھالۋالە قىلماي، ئۆزى ھەم ۋايسىماي ھازىرغىچە داۋاملاشتۇردى.
يىللار مابەينىدە ۋۇ باۋشۇ ئەجرىنىڭ ھوسۇلسىز قالمايدىغانلىقىغا ئىشىنپ كەلدى. دەل مانا مۇشۇ نەرسە ئۇنى توختىماي تىرىشىشقا، ئالغا بېسىشقا ئۈندىدى. نەتىجىدە ئۇ ئېرى، پەرزەنتلىرى، ئۆي ۋە ئېتىز -ئېرىقنىڭ جىمى ئىشلىرى، ھەتتا ئۈچ نەۋرىسىگە يېتىشكەندىن باشقا ئۆزى يالغۇز بىر جۈپ قولىغا تاينىپ قوروسىغا ئۈچ قەۋەتلىك ئۆي سېلىۋالدى.
«ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرۇغاندا ھازىرقى تۇرمۇشىمىزنى جەننەتتىكىدەك دېسەممۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ، ئېرىمىڭ كېسىلى تۇراقلاشتى، بالىلىرىم يوللىرىنى تېپىپ تۇرمۇشلىرىنى ئىزىغا سېلىۋالدى» دېدى ۋۇ باۋشۇ ناھايىتى سالماق ھالدا. قەلبىدە مۇھەببىتى بار كىشىگە دۇنيا رەڭدار كۆرۈنىدۇ، ۋۇ باۋشۇ قەلبىدىكى مۇھەببىتى بىلەن ئۈز ئائىلىسىنى نۇرلاندۇردى. شۈ خۇاشىڭ بىلەن دەرقەمدە غىزالىنىش، ئۇنىڭ بىلەن گۇڭۇر-مۇڭۇر دەرقەمدە بىر پىيالە چاي ئىچىش ۋە ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە ئېرىنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ۋۇ باۋشۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ۋە نىشانى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى