قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بالىڭىزنىڭ شوخلۇقىدىن ئاغرىنماڭ

2017-09-13 19:58:22     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بالىلاردىكى شوخلۇق بالىلار تەپەككۇرىنىڭ يېتىلىشى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئۇ بالىلار پىسخىكىسىنىڭ ئۆزگىرىشىدە غىدىقلىغۇچىلىق رول ئوينايدۇ. بالىلار ھەرىكىتىنىڭ چەكلىمىگە ۋە بېسىمغا ئۇچرىشى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە ئەمەس، يەنە بالىلارنىڭ روھىي ھالىتىگىمۇ سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. بالىلارنى ئۆسۈش دەۋرىدە جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلاملىققا ئىگە قىلغاندىلا، ئۇلارنى ئەخلاقىي، ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئەتراپلىق تەربىيەلىگىلى بولىدۇ. بالىلاردىكى شوخلۇق ئائىلە ۋە ئەتىراپىدىكى مۇھىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، شوخ، پائالىيەتچان بالىلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشى تېز بولىدۇ. كۆڭۈل ئازادىلىككە تولغان ئائىلە مۇھىتىدا ئۆسۈۋاتقان بالىلارنىڭ مۇستەقىللىق ئېڭى كۈچلۈك بولىدۇ.
بۇلتۇر قوشنىمىز نەۋرىسىنى شەھەردىن ئۆز ئۆيىگە ئەكىلىۋالغانىدى. بىنا ئۆيدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بۇ بالا مومىسىنىڭ كەڭ ھويلىلىق ئۆيىگە كەلگەن دەسلەپكى چاغلىرىدا توخو، مۈشۈك، كالا دېگەنلەرنى كۆرسە قورقۇپ، مومىسىغا ئېسىلىۋالاتتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇ بۇلاردىن قورقمايدىغان، ئۇلارنى قوغلاپ ئوينايدىغان بولدى. دېمەك، مۇھىت ئۇنىڭ بۇرۇنقى جىمغۇر، تارتىنچاق ھالىتىنى ئۆزگەرتتى. گەرچە بالىلاردىكى شوخلۇق بەزىدە ئاتا-ئانىلارنى چارچىتىپ قويسىمۇ، ئەمما بۇ بالىلارنىڭ يېتىلىشىدە ئىجابىي رول ئوينايدۇ. بالىلار كەلگۈسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى. بالىلارنى ساپالىق تەربىيەلەش ھەممىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتىمىز. شۇڭلاشقا بالىلارنىڭ شوخلۇقىنى بالىلاردىكى كەپسىزلىك دەپ قارىماسلىق، ئۇلارنى شۇ بالىلارچە شوخلۇق بىلەن بالىلىق دەۋرىنىڭ ئىمتىيازلىرىدىن بەھرىمان قىلىش كېرەك.
بىر قېتىم  مەلۇم باشانغۇچ مەكتەپتە ئېچىلغان ئاتا-ئانىلار يىغىنىدا، ئوقۇتقۇچى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تۆۋەن يىللىقىدا ئوقۇيدىغان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر كۈنى دەرستىن چۈشكەندە سازاڭ كولاپ، ئۈزۈلۈپ كەتكەن سازاڭلارنى ئۇلايمەن دەپ، ئېرىق، ئازگاللاردا توپىغا مىلىنىپ ئولتۇرىدىغانلىقىنى، ئانىسىنىڭ ئۇنىڭغا"بۇنداق قىلما" دەپ بەرگەن تەنبىھلىرىنىڭ كار قىلمىغانلىقى، ئاخىرىدا ئانىسى ئۇنى ئۇرۇپ، بۇ ئىشتىن قول ئۈزدۈرگەنلىكىنى سۆزلەپ، ئېچىنغان ھالدا: «ئاشۇ ئانا چوغلىنىپ تۇرغان بىر پارچە ئوتنى ئۆز قولى بىلەن ئۆچۈرۈپ قويدى» دېگەنىدى. ئەمەلىيەتتە، بالىلاردىكى تالانت يوشۇرۇن، ئەمما چوغلىنىپ تۇرغان بولىدۇ. ئۇنى ئەقىل كۆزى بىلەن كۆرگىلى بولمايدۇ. ئەگەر شۇ ئىقتىدارنى ۋاقتىدا بايقاپ، ئۇنىڭغا ئىلھام بېرەلىسەك بەلكىم شۇ بالا شۇ قىزىقىشىنىڭ تۈرتكىسىدە شۇ جەھەتتە ئۈزۈپ چىقىشى مۈمكىن. ئەكسىچە بولغاندا ئۆچۈپ قېلىشى مۇمكىن. كۆپىنچە ھاللاردا بالىلاردىكى ئالاھىدىلىك ئۇلارنىڭ شوخلۇقىدىن چىقىپ تۇرىدۇ. ئەمما بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ شوخلۇقىنى كۆرۈپ، خاسلىقىنى كۆرەلمەيدۇ. شۇڭا بالىلارنىڭ شوخلۇقىدىن زارلانماي، ئەكسىچە شۇ شوخلۇقىدىن يېتىلگەن تالانتنى ئۇلارنىڭ قىممەت قارىشىغا ئايلاندۇرايلى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى