ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ھەممىدە ئاغرىقلارنى كۆزدە تۇتۇش

2017-09-13 18:48:01     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 يەكەن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاغرىقلارنى مەركەز قىلىپ، كېسەل كۆرۈش رايونى ئەسلىھەلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش، مۇلازىمەت ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش، خەلقنى قولاي ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلەش، كېسەل كۆرۈش- داۋالاش بايلىقىنى مۇۋاپىق تەڭشەش، ھەممىدە ئاغرىقلارنى كۆزدە تۇتۇش ئارقىلىق، ئاغرىقلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، داۋالاش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.
    ئاغرىقلارنىڭ «يېشىل يولى»
  8- ئاينىڭ 31- كۈنى سائەت 6 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىغا گىرىپتار بولغان يۈسۈپ ۋارىس «يېشىل يول» ئارقىلىق جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە يەتكۈزۈلدى. بۇ جايدا ئۇ دەل ۋاقتىدا داۋالىنىپ، دوختۇر- سىستېرالارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا گۆر ئاغزىدىن قايتىپ كەلدى.
  ئاغرىق «يېشىل يول» ئارقىلىق دوختۇرخانىغا يەتكۈزۈلۈشى بىلەنلا، دوختۇرلار كۆكرەك ئاغرىقى كېسەللىرى مەركىزى بىلەن ماسلىشىپ كارىۋات ۋە دورا تەييارلىدى ھەم باشقا ئالاقىدار تەييارلىقلارنى ياخشى ئىشلىدى. دوختۇر- سىستېرالارنىڭ خەۋەر ئېلىشى بىلەن، سۈرەتكە ئېلىپ تەكشۈرۈش بۆلۈمىدە ئۇنىڭ يۈرەك ئېلېكتىرو كاردىئوگرامما ۋە يۈرەك مۇسكۇل ئېنزىمى تەكشۈرۈلۈپ، داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان مەخسۇس لىفىت ئارقىلىق كۆكرەك ئاغرىقى كېسەللىرى مەركىزىنىڭ كۆزىتىش ئۆيىگە يەتكۈزۈلۈپ، ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا ئومۇميۈزلۈك داۋالاشنى قوبۇل قىلدى.
  يەكەن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگۈچى مۇتەخەسسىسى، مۇدىر ۋىراچ لى جىمىڭ بىزگە مۇنداق دېدى: جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى ئىنتايىن جىددىي ھەم خەتەرلىك، ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى كېسەل. بۇ كېسەل قوزغالغاندا، ئۇنى 90 مىنۇت ئىچىدە داۋالاش كېرەك. شۇڭا دوختۇرخانىدىكى كۆرۈنەرلىك جايلارغا كۆرسەتمە بەلگىسى ئورنىتىپ، ئاغرىقلارنى «يېشىل يول» ئارقىلىق دوختۇرخانىغا ۋاقتىدا يېتىپ كېلىپ، ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا داۋالىنىش- قۇتقۇزۇلۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈردۇق.
  بىز يەكەن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ھەممىلا يېرىدە جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى ئاغرىقلىرى ئۈچۈن «يېشىل يول» كۆرسەتمە بەلگىسى چاپلانغانلىقىنى كۆردۇق. بۇ يول ئېچىلغاندىن بۇيان، 166 ئاغرىق «يېشىل يول» ئارقىلىق دوختۇرخانىغا يەتكۈزۈلۈپ ھەم قۇتقۇزۇلۇپ، قۇتقۇزۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى %98كە، يۈرەك قان تومۇر كېسىلى ئاغرىقلىرىنى بىۋاسىتە مەلۇم قىلىش نىسبىتى 100%كە يەتكۈزۈلۈپ، مەخسۇس بۆلۈمنىڭ ئەمەلىي كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇلغان.
    يۇقىرى ئۈنۈملۈك قولاي مۇلازىمەت
  يۈسۈپ ۋارىسنىڭ خوتۇنى كېسەلخانىدا بىزگە مۇنداق دېدى: ئېرىمنىڭ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغالغاندا، ئائىلىمىزدىكىلەر ساراسىمىگە چۈشۈپ، يېتەرلىك پۇل ئېلىۋالمايلا يولغا چىقتۇق. دوختۇرخانىغا كەلگەندىن كېيىن، دوختۇرلار دەل ۋاقتىدا جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرىنى قوللاندى. بۈگۈن ھەق تاپشۇرغىلى كەلدىم، دوختۇرخانا 1000 يۈەن كاپالەت پۇلىلا ئالدى، بۇنداق بولۇشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم.
  يەكەن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ يۈەنچۈەن بىزگە مۇنداق دېدى: دوختۇرخانىمىز ئالدىن تاپشۇرغان ھەقنى چىقىم قىلىش جەھەتتە، بارلىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، شەھەر- يېزىلاردىكى نەپىقە بېرىش ئوبيېكتلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنىڭ كېسەلخانىدا يېتىپ داۋالىنىش خىراجىتى چىقىمىغا قارىتا، 1000 يۈەننى ئالدىن ئېلىپ، دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش مەزگىلىدە ئالدىن تاپشۇرغان ھەقنىڭ 2.5 - 3 ھەسسىسى بويىچە كېسەلخانىدا يېتىپ داۋالىنىش ھەققى چىقىم قىلىشنى يولغا قويدى.
  ئىگىلىشىمىزچە، يەكەن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى ئاغرىقلارنىڭ ئۆچرەت ساقلاش ۋاقتىنى قىسقارتىش ئۈچۈن، مۇددەتتىن بۇرۇن راسچوت قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانغان. كېسەلخانىدىن چىققان ئاغرىقلار ئالاقىدار كېسەلخانىدىن چىقىش، ئاتچوت قىلىش رەسمىيەتلىرىنى كۆزنەككە بېرىپ بېجىرىشتىن بۇرۇن، كۆزنەكتىكى مالىيە خادىملىرى ئاغرىقلارنىڭ كېسەلخانىغا كىرگەندە تەمىنلىگەن ئۈنۈملۈك ماتېرىياللىرى، بۆلۈم يوللىغان دوختۇرخانىدىن چىقىش كېسەل تارىخى ۋە ھەق ئېلىش سىستېمىسىدىكى ھەقنى سېلىشتۇرۇپ، ئاغرىقلارنىڭ بارلىق راسچوت، ئاتچوت كەسپىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ياخشى بېجىرىدىكەن ھەم ئاتچوت قىلىش ئىسپاتلىرىنى بېسىپ بېرىدىكەن. تېلېفون ئارقىلىق ئۇقتۇرۇش ياكى ئاغرىقلارنىڭ كېلىپ ئىمزا قويۇشىنى ساقلاش، ئاتچوت، راسچوت ھەققىنى ئېلىشىغا ئەڭ كۆپ بولغاندا بەش مىنۇتتىن ئون مىنۇتقىچە ۋاقىت كېتىدىكەن. دوختۇرخانا يەنە ياشانغانلار ۋە مېيىپلەرگە «يېشىل يول» ئېچىپ، كۆزنەكلەرنىڭ بارلىق كەسىپلەرنى بېجىرىشىگە پۈتۈن مۇساپىلىك ماسلىشىدىكەن.
    يېڭى تېخنىكا داۋالاش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈردى
  يەكەن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى 2016- يىلى يىراقتىن سۈرەتلىك دىياگنوز قويۇش سۈپىتىنى كونترول قىلىش مەركىزى، يىراقتىن يۈرەك ئېلېكتىرو تور دىياگنوزى مەركىزى، يىراقتىن كېڭىشىپ دىياگنوز قويۇش مەركىزى قۇرغان. ھازىر يەكەن ناھىيەسىدىكى 14 يېزا- بازارلىق شىپاخانا ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك «كاڭنىڭ» دوختۇرخانىسى بىلەن ھەمكارلاشتى، بۇ يىل 7- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە 40 مىڭدىن ئارتۇق ئاغرىققا يىراقتىن سۈرەتلىك دىياگنوز قويدى، 13 مىڭ 512 ئاغرىققا يىراقتىن يۈرەك ئېلېكتىرو دىياگنوزى قويدى. يېزا- بازارلىق شىپاخانىلارنىڭ دىياگنوز قويغۇچى ۋىراچلىرى جىددىي كەمچىل بولۇش ئەھۋالى، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش ئارىلىقى يىراق، كېسەل كۆرسىتىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزا- بازارلىق شىپاخانىلارنى تېخنىكا يېتەكچىلىكى ۋە تەربىيەلەش بىلەن تەمىنلەپ، يېزا- بازارلىق شىپاخانىلارنىڭ داۋالاش تېخنىكا سەۋىيەسىنى تەدرىجىي ئۆستۈردى.
  دوختۇرخانا بۇ يىل 7- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئالاھىدە بىر ئاغرىقنى قوبۇل قىلدى، بۇ ئۇيغۇر موماي كۆكرەك ئومۇرتقىسى يۇلۇنى بېسىلىش سەۋەبلىك 12 يىل ئىلگىرى ئوپېراتسىيە قىلىنغان، يۇلۇن بېسىلغان ئورۇن ئالاھىدە بولغاچقا، ئەينى ۋاقىتتىكى تېخنىكا شارائىتىدا ئۇنىڭ كېىسىلىنى تەلتۆكۈس ساقايتىشقا ئامال بولمىغان. كېيىن ئۇ نۇرغۇن جايغا بېرىپ داۋالانغان، ئومۇرتقىنى قايتا ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشتىن قورقۇپ داۋالاتمىغاچقا، كېسىلى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ، ماڭالمايدىغان بولۇپ قالغان.
  ئاغرىق دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن، يەكەن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى سۆڭەك كېسەللىرى 1- بۆلۈمى گۇاڭجۇنىڭ داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن دەرھال ئالاقىلىشىپ، ئاغرىققا يىراقتىن بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇشقا ئورۇنلاشتۇرغان، گۇاڭدۇڭنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگۈچى مۇتەخەسسىسى، دوختۇر جياڭ شياۋبىڭ سىستېمىلىق تەكشۈرۈش پىلانىنى مەخسۇس بېكىتكەن. يىراقتىن بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇش جەريانىدا، دوختۇر جياڭ شياۋبىڭ ئاغرىقنىڭ غەم- ئەندىشىسى ۋە تەلىپىنى تولۇق چۈشىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئەڭ يېڭى تېخنىكا ئارقىلىق ئاغرىقنىڭ كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتىشنى قارار قىلغان.
  ۋۇ يۈەنچۈەن مۇنداق دېدى: بۇ تېخنىكىنى ھازىر ئېلىمىزدىكى ئونغا يېقىن مۇتەخەسسىس قوللىنالايدۇ، شىنجاڭدا ئىلگىرى بۇ تېخنىكا قوللىنىلمىغان. دوختۇر جياڭ شياۋبىڭ ئاغرىقنى ئوپېراتسىيە قىلدى، ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى تەسۋىر ئارقىلىق قايتا تەكشۈرۈشتىن ئوپېراتسىيەدىن بۇرۇنقى پىلاننىڭ قانائەتلىنەرلىك ئورۇندالغانلىقى مەلۇم بولدى، ئاغرىقنىڭ يۇلۇن بېسىلىشى يوقالدى، ئوپېراتسىيە قىلىنىپ ئىككى كۈندىن كېيىن، ئاغرىق كارىۋاتتىن چۈشۈپ ماڭالايدىغان بولدى. ئاغرىق ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بۇنداق داۋالاش ئۈنۈمىدىن تولىمۇ مەمنۇن بولۇپ، دوختۇرخانىدىن چىقىشتىن بۇرۇن لەۋھە تەقدىم قىلىپ، دوختۇر جياڭ شياۋبىڭ ۋە دوختۇرخانىنىڭ ئۇلارغا قىلغان ياردىمىگە رەھمەت ئېيتتى.
    مۇخبىرنىڭ خاتىرىسى
  يەكەن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاغرىقلارنى مەركەز قىلىپ، ھەممىدە ئاغرىقلارنى كۆزدە تۇتۇپ، كېسەل كۆرۈش رايونى ئەسلىھەلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىللىق داۋالاش مۇھىتى ياراتتى ھەم كېسەل كۆرۈش- داۋالاش بايلىقىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، ئوخشاشمىغان ئاغرىقلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، داۋالاش مۇلازىمىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. ئېلىمىزنىڭ داۋالاش سىستېمىسى بويىچە قانات يايدۇرۇلغان «داۋالاش مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاش ھەرىكىتى پىلانى» پائالىيىتىدە، يەكەن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى ئىلگىرىكى خىزمەت ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىدا، خەلققە قولايلىق يارىتىش ۋە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرى، مۇلازىمەت تەرتىپىنى ياخشىلاشنى ئىجادىي يولغا قويۇپ، ئاغرىقلارنى ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ قولاي داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، شىنجاڭدىكى «2016- يىللىق داۋالاش مۇلازىمىتىنى ياخشىلاشتىكى ئۈلگىلىك دوختۇرخانا» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن بىردىنبىر ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىغا ئايلاندى، مەملىكەت بويىچە ناھىيە دەرىجىلىك ئۈچ دوختۇرخانىلا بۇ شەرەپكە نائىل بولدى.
  ئاغرىقلارنىڭ ھەممىسى كېسىلىنى ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا ئەڭ ئاز پۇل خەجلەپ داۋالىتىشنى ئويلايدۇ. ئاغرىقلارنىڭ ئۈمىدى − دوختۇرخانىلارنىڭ ئىسلاھات يۆنىلىشى ۋە نىشانىدۇر. «ھەممىدە ئاغرىقلارنى كۆزدە تۇتۇش» − داۋالاش مۇلازىمىتى كەسپىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى ۋە تېببىي ئەخلاق. يەكەن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى ئىشنى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، «ھەممىدە ئاغرىقلارنى كۆزدە تۇتۇش»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، دوختۇرخانىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا پۈتمەس- تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلدى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى