قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بايرىقىمىز روشەن، مەيدانىمىز مۇستەھكەم ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشنىڭ نەمۇنىچىلرى، ئاۋانگارتلىرىدىن بولايلى

2017-09-13 18:46:14     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئەنۋەر مەمەت

 
مەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاددىي بىر كادىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئېسىمنى بىلگەندىن تارتىپ دادام دائىم ماڭا پارتىيەگە چەكسىز مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش توغرىسىدا تەربىيە بېرەتتى. دادامنىڭ ماڭا ئۈلگە بولۇشى، پارتىيەگە بولغان ئەڭ سەمىمىي ھېسسىياتى ئارقىلىق تەربىيە بېرىشى نەتىجىسىدە، كىچىكىمدىن تارتىپلا كوممۇنىستىك پارتىيەگە چوڭقۇر مېھىر باغلاپ، چوڭ بولغاندا كومپارتىيە ئەزاسى بولۇپ، پارتىيە ئىشلىرىغا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇشنى ئويلىدىم. پارتىيەنىڭ كۆپ يىل تەربىيەسىدە، مېنىڭ سىياسىي، ئىدىيە، مەدەنىيەت سەۋىيەم زور دەرىجىدە ئاشتى ھەم بارا- بارا رەھبەرلىك ئورنىغا قەدەم قويدۇم. شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى مېنى بۈگۈنكى بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى.
  پارتىيەلىك ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، بايرىقىم روشەن، مەيدانىم مۇستەھكەم ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى تۇرىمەن؛ سىياسىي مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيەگە، ۋەتەنگە، خەلققە سادىق بولىمەن؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى باشلامچىلىق بىلەن قوغدايمەن؛ دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى ھەم «پانتۈركىزم»، «پانئىسلامىزم» ئىدىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئېچىپ تاشلاپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن. «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەش جەريانىدا باشتىن- ئاخىر بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم، پوزىتسىيەمنى قەتئىي قىلىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن.
  ھازىر شىنجاڭدا ئەمەلىي بار يەككە سودا- سانائەتچى 1 مىليون 40 مىڭ، كەسىپكار 4 مىليون 84 مىڭ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت يەككە سودا- سانائەتچى بەلگىلىك نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا توپ ۋە پارچە سېتىش كەسپى ھەم باشقا مۇلازىمەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇيغۇر يەككە سودا- سانائەتچى بىر قەدەر مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئۇلار ھەر دەرىجىلىك سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئوبيېكتى، شۇنداقلا «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ بىزدىن تالىشىش ئوبيېكتى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سودا- سانائەت سىستېمىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ پارتىيەلىك ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلار ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ئەھۋالىنى تولۇق چۈشىنىش، ئۆز مىللىتىنىڭ تىل- يېزىقىنى، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۆرپ- ئادەتلىرىنى پىششىق بىلىشتەك ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلىشى، پارتىيەنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرىنىڭ «يەرلىك» تەشۋىقاتچىسى بولۇشى كېرەك. باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئۇيغۇر پۇقراۋى كارخانىچىلار، يەككە سودا- سانائەتچىلەر ۋە ئەتراپىدىكى ئۇرۇق- تۇغقان، دوستلىرىغا، ئۇيغۇر ئاممىغا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىشى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەت ئىناقلىقىنى قوغداشقا ئالاقىدار فاڭجېن، سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلىشى، پارتىيەنىڭ خەلقنى بېيىتىش سىياسەتلىرىنى، مىللەت- دىن سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىشى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تەشۋىق قىلىشى، ئۇلارنى «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلىشى ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىشى؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق سۆزلەرنى كۆپرەك قىلىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان سۆز- ھەرىكەتلەرنى بايقىغان ھامان دادىل پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، قەتئىي قارشى تۇرۇشى كېرەك.
  ئۇيغۇرلاردا «يىلاننى قوينۇڭغا سالساڭ، چېقىپ ئۆلتۈرىدۇ» دەيدىغان ماقال- تەمسىل بار. «ئۈچ خىل كۈچ»كە بېرىلىدىغان ئەڭ ياخشى جاۋاب بايراقنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېگىز كۆتۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئۇلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش؛ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى داغدۇغىلىق ھالدا تەشۋىق قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى تەشۋىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ مىللەت- دىن سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىش تەدبىرىنى تەشۋىق قىلىپ، «بەش قاراش»نى، «ئۈچ تارىخ»نى، «بەشنى تونۇش»نى باشلامچىلىق بىلەن سۆزلەپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سەپسەتىلىرىگە باشلامچىلىق بىلەن رەددىيە بېرىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ جىنايى سۇيىقەستىنى مەردانىلىك بىلەن ئېچىپ تاشلاش. بىر ھەققانىيەت ساداسى بىر پارلاق نۇر، مىليونلىغان ھەققانىيەت ساداسى قۇدرەتلىك خەلق كۈچىنىڭ تاشقىنىدۇر.
  بىز ئاڭلىق ھالدا يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئۈلگە قىلىپ، مەيدانىمىزنى مۇستەھكەم، بايرىقىمىزنى روشەن قىلىپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، باشتىن- ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىمىز كېرەك.
  بىرىنچى، سىياسىي جەھەتتە ئاقىل كىشىلەردىن بولۇشىمىز كېرەك. ئۇيغۇر پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەيدانى، كۆز قارىشى، پوزىتسىيەسى ئەتراپتىكى ئامما ۋە ئورۇنلارغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىز چوقۇم سىياسىي جەھەتتە ئاقىل بولۇپ، «چوڭ ھەق، چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىنى ئېنىق ئايرىش مەيدانىمىز ئالاھىدە سەگەك، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ھەرىكىتىمىز ئالاھىدە قەتئىي، ھەر مىللەت ئاممىنى قىزغىن سۆيۈش ھېسسىياتىمىز ئالاھىدە چىن بولۇش» سىياسىي ئۆلچىمى بويىچە مۇستەھكەم سىياسىي مەيداننى ئۆزىمىزگە بىرىنچى تەلەپ قىلىپ، سىياسىي يۆنىلىشىمىزنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمىز ۋە سىياسىي سەزگۈرلۈكىمىزنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتىن ئىبارەت ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.
  ئىككىنچى، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى باشلامچىلاردىن بولۇشىمىز كېرەك. پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشان ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، باش نىشاننى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، مەۋقەنى ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىنى دادىل زىممىگە ئېلىشقا قويۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.
  ئۈچىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلەر ۋە ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىن بولۇشىمىز كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىرلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە، شۇڭا ئۇلار ئاممىغا تەربىيە بېرىش، ئاممىنى تەشكىللەش، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشى، ئۆزىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈش، بۆلگۈنچىلىككە، ئەسەبىيلىككە، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇشنىڭ ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلىرى ۋە ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك.
  شىنجاڭنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كادىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، خىزمەت مەسئۇلىيىتىمىزنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇشى كېرەك» دېگەن سەمىمىي نەسىھىتىنى باشتىن- ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىر قولىمىزدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چىڭ تۇتۇشىمىز، يەنە بىر قولىمىزدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چىڭ تۇتۇشىمىز، ئىنتىزام بولغان ئىكەن جەزمەن رىئايە قىلىشىمىز، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلارنى جەزمەن سۈرۈشتۈرۈشىمىز كېرەك، ئالاھىدە بولۇۋېلىشقا، ئۆزىنى بۇنىڭ سىرتىغا قويۇۋېلىشقا بولمايدۇ، ھەممىنى ئوخشاش بىر ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەش، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش مەسئۇلىيىتىمىزنى ياخشى ئادا قىلىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنىڭ كەسكىنلىكى ۋە نوپۇزىنى ھەقىقىي قوغداپ، باش نىشانغا يېتىش ئۈچۈن بارلىق ئەقىل- پاراسىتىمىز ۋە كۈچىمىزنى بېغىشلىشىمىز، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىشتەك ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە ۋە خەلققە بولغان سادىقلىقىمىزنى ئىپادىلىشىمىز كېرەك.
  «گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى». شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، پارتىيەنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، ھەر مىللەت ئاممىنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى بەرپا قىلىپ، ئىناق- ئىتتىپاق، ئاۋات- باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، ھەممەيلەن خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقالايمىز.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى