قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى 26- تۈركۈمدە ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرغان (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان) 69 مەسىلىنىڭ ھەممىسى بېجىرىپ بولۇندى

2017-09-14 19:00:51     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
9-ئاينىڭ 13-كۈنىگەقەدەر، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى 26- تۈركۈمدە ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرغان (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان) 69 مەسىلىنىڭ ھەممىسى بېجىرىپ بولۇندى. ھازىرغىچە مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئالدىنقى 26 تۈركۈمدە ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرغان 1 مىڭ 722 مەسىلىنىڭ 1 مىڭ 717 سى بېجىرىپ بولۇندى. بۇنىڭ ئىچىدە، تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاش ئارقىلىق ئېنىقلانغان ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن مەسىلە 1 مىڭ 549، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان مەسىلە 168 بولدى. 1 مىڭ 265 كارخانا تۈزىتىشكە بۇيرۇلدى، 409 كارخانىغا مەمۇرىي چارە كۆرۈلدى، جەرىمانە ئومۇمىي سوممىسى 32 مىليون 993 مىڭ 900 يۈەن بولدى. دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلگەن مەسىلە 1 بولۇپ، 20 ئادەم مەمۇرىي جەھەتتىن تۇتۇپ تۇرۇشقا بويرۇلدى. ئۈچ ئادەم جىنايى ئىشلار بويىچە قولغا ئېلىندى، 141 ئادەم سۆھبەتكە چاقىرىلدى، 816 ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلدى. بېجىرىشكە تاپشۇرۇلغان بارلىق مەسىلىلەرنىڭ كونكېرت بېجىرىلىش ئەھۋالى بىردەك شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تورىدا ئېلان قىلىندى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى