قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ما شياۋتيەنلەرنىڭ ئىمزالىق ماقالىلىرى

2017-09-14 19:00:26     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
9-ئاينىڭ 14-كۈنى نەشىردىن چىققان شىنجاڭ گېزىتىگە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى ۋېي شۆجۈن، ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىرى بەختىيار داۋۇت، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ما شياۋتيەنلەرنىڭ ئىمزالىق ماقالىلىرى بېسىلدى.
ۋېي شۆجۈننىڭ ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: پارتىيەنىڭ تەربىيەسىدە ئۆسۈپ - يېتىلگەن خۇيزۇ كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىناق بىللە ياشاش، ئۆزئارا ياردەم بېرىشتەك ياخشى ۋەزىيىتىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن دوست بولۇش، قوشماقلىشىشتا باشلامچى بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىمەن؛ پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش خىزمىتىدىكى ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دائىم ئاساسىي قاتلامنىڭ 1-سېپىگە يۈرۈش قىلىپ، ئاممىنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئاممىنىڭ ئارزۇ - تەلەپلىرىنى ئىگىلەپ، ئامما ئېھتىياجلىق ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھېسسىيات ئورتاقلىقى ۋە ھەر مىللەت ئامما ئورتاق ئىلگىرىلەشتىن ھاسىل بولغان ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشكە ھەسسە قوشىمەن.
بەختىيار داۋۇتنىڭ ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتى يەنىلا ئىنتايىن كەسكىن، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىپىسى ئىنتايىن ئېغىر. لېكىن، بىزنىڭ كادىرلار قوشۇنىمىزدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ» كە بولغان پوزىتسىيە تونۇشى خۇنۈك، ھەرىكىتى ئاستا بولۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» كە ھېسداشلىق قىلىپ، ھەتتا قوللاپ، يول قويۇپ، يانتاياق بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشلىرىغا ئىنتايىن زور زىيان سالماقتا. ھۆكۈمەت خادىمى، بولۇپمۇ كومپارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن چوقۇم دادىل پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ» كە ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» گە قارشى قەتئىي تەۋرەنمەي جەڭ ئېلان قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆز بۇرچىمىزنى ياخشى ئادا قىلىشىمىز كېرەك.
ما شياۋتيەننىڭ ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» - مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان «قارا قول»، جەمئىيەتكە زىيان يەتكۈزىدىغان «زەھەرلىك ئۆسمە». كادىرلار قوشۇنىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» نى تەلتۆكۈس يوقاتمىغۇچە، ھەققانىيەتنى ياقلاپ ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملىگىلى، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلغىلى، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» يوشۇرۇنۇشقا، ئۆزىنى نىقابلاشقا ماھىر؛ تەشكىلات سىستېمىسىدىكى كادىرلارنىڭ ئادەمنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇلدى. بىز چوقۇم ئادەم تاللاش ۋە ئىشلىتىش ئۆلچىمىنى چىڭىتىپ، «20 خەتلىك» ياخشى كادىرلار ئۆلچىمى ۋە مىللىي رايونلاردىكى كادىرلارنىڭ «3 ئالاھىدە» سىياسىي ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەۋىلىككە، پەزىلەتكە، ئەمەلىي نەتىجىگە، ئاساسىي قاتلامغا، ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، روشەن ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشى تۇرغۇزىشىمىز؛ توغرا تەكشۈرۈپ - باھالاشتا قاتتىق بولۇپ، كادىرلارنى كۆپ تەرەپلىمە، كۆپ نۇقتىدىن، سىتېرولۇق تەكشۈرۈپ، ئەڭ زور كۈچ بىلەن «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» نى ئىشىك سىرتىدا توسۇپ قېلىشىمىز كېرەك.
تەرجىمان: نازىم

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى