قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مېھىر-مۇھەببەت بولغاندىلا ھايات تېخىمۇ گۈزەل

2017-09-14 19:02:53     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

دۇنيادا ھېچقانداق نەرسە ئورنىنى باسالمايدىغان بىر نەرسە بار، ئۇ بولسىمۇ مېھىر-مۇھەببەت. مېھىر-مۇھەببەت قەلىبلەرنى ئۆز ئارا بىر-بىرىگە باغلىغۇچى رىشتە. مېھىر-مۇھەببەت بولغاندىلا ھايات تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.   
كىشىلىك ھاياتتا مېھىر - مۇھەببەت، ئىشەنچ، سەمىمىيەت كەم بولسا بولمايدۇ. كىشىلەر تۇرمۇشىنى مېھىر - مۇھەببەت، ئىشەنچ، سەمىمىيەت بىلەن مەنىلىك ئۆتكۈزسە، ئىشلىرىمۇ يۈرۈشۈپ، خىزمەت، ئىش - ئوقىتىدا كۆڭۈل ئازادىلىكى بولىدۇ.
ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق، پۈتكۈل كائىنات مۇھەببەتنىڭ تەڭداشسىز بۇلىقىدۇر. دەريالاردا شۇڭغۇۋاتقان، كەڭ ئوتلاقتا ياشاۋاتقان، زېمىندا كۆكلەۋاتقان جانلىقلار، ئېگىز تاغ باغرىدىن باشلىنىپ، ئېرىق ياساپ نۇرغۇنلىغان ئېدىرلىقلاردىن ئۆتۈپ، مەنزىلگە يېتىپ كەلگەن ھاياتلىق سۈيى، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىدە مېھىر-مۇھەببەت مۇجەسسەلەملەنگەن بولىدۇ. شۇڭا تەبىئەت بىزگە شۇنچە گۈزەل كۆرۈنىدۇ. دېمەك سۆيگۈ ۋە مېھىر-مۇھەببەت زېمىننىڭ زىننىتى، ئۇلار بولغاچقىلا ھاياتلىق تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.
قەلبتىكى مېھىر-مۇھەببەتنى ئىپادىلەشنىڭ يوللىرى ھەر خىل بولىدۇ،  بىر موماينى يۆلەپ يولدىن ئۆتكۈزۈپ قويغان بالىدىمۇ مېھىر-مۇھەببەت بار، يەردىكى ئەخلەتنى ئېلىپ ئۇنى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىغان كىشىدىمۇ مېھىر-مۇھەببەت بار، ئاپتوبۇسقا چىققان ياشانغانلارغا دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ئورۇن بوشۇتۇپ بەرگەن ياشلاردىمۇ مېھىر-مۇھەببەت بار، ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن بىر ۋاق ئىسسىق تاماق تەييارلىغان ئايالدىمۇ مېھىر-مۇھەببەت بار، قىسقىسى بىر-بىرىگە قاراپ مېھىرلىك كۈلۈۋاتقان ئادەملەرنىڭ ھەممىسىدە مېھىر-مۇھەببەت بار. دېمەك مېھىر-مۇھەببەتنىڭ، ياخشىلىقنىڭ چوڭ-كىچىكى بولمايدۇ، پەقەت چىن يۈرەكتىن سۆيۈنۈپ تۇرۇپ قىلغان ياخشىلىق مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ.
تۇرمۇشىمىزدا نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك ئىشلار بولىدۇ-يۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بەزىلىرى ئۇنتۇلۇپ كىتىدۇ. لېكىن باشقىلارغا ياردەم بېرىش، ئۈمۈد، ئىشەنچ بەخىش ئېتىش، مۇھتاجلىقىنى قاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئەھمىيەتلىك ئىشلار ھەرگىزمۇ ئۇنتۇلمايدۇ. چۈنكى مېھىر-مۇھەببەتكە  ئېرىشكەن، قەلبى ئۈمۈدكە تولغان چېھىرلەردىكى تەبەسسۇم كىشىگە ھاياتنىڭ چىن مەنىسىنى، قىممىتىنى تونۇتىدۇ. مانا بۇ خىل مېھىر-مۇھەببەت قەلب ئېكرانىمىزدىن مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى