قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قىز- ئاياللىرىمىز ھەر ۋاقىت ھەر قانداق جايدا تەبەسسۈم قىلىشنى بىلىشى كېرەك

2017-09-14 19:19:15     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

تەبەسسۇم بىر خىل لاتاپەت، بىر خىل گۈزەللىك ۋە بىر خىل بايلىق، ئۇنىڭ سېھرىي كۈچى چەكسىز. ناۋادا سىز مەكتەپ پۈتكۈزۈپ يېڭى خىزمەت ئورنىڭىزغا بارغىنىڭىزدا، ناتونۇش مۇھىت ۋە ناتونۇش كىشىلەر ئالدىدا قورۇنۇش ھېس قىلىپ، گاڭگىراپ نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قېلىشىڭىز مۇمكىن، مانا بۇ ۋاقىتتا بىرەرسى سىزگە تەبەسسۇم بىلەن قارىسىلا، گويا خۇش پۇراق بىر دەستە گۈلنى سىزنىڭ يېنىڭىزغا قويۇپ قويغاندەك، يېقىن بىر تۇغقىنىڭىز ئۇچراپ قالغاندەك، يېقىملىق تۇيغۇغا چۆمىسىز، شۇ دەقىقىدە ئۆزىڭىزنى يەڭگىل، بەختىيار ھېس قىلىسىز، مانا بۇ تەبەسسۇمنىڭ سېھرىي كۈچى.
تەبەسسۇم كىشىگە بىر خىل گۈزەللىك، يەڭگىللىك تۇيغۇسى بېرىدۇ، مۇبادا قەلبىڭىزنى دەرد قاپلاپ، پىغانىڭىز ئۆرلەپ، روھىڭىز چۈشۈپ، تۇرمۇشىڭىزنى پەرىشانلىق قاپلىۋالغاندا، باشقىلار بىلەن كۈلكە - چاقچاق قىلسىڭىز، قەلبىڭىزدىكى قايغۇ - ھەسرەتنى ئۇنتۇپ، گويا بۇلۇتلار تارقاپ، قۇياش نۇرى پارلىغاندەك، باشقىلارنىڭ تەبەسسۇمىدىن ئۆزىڭىزنىڭ كەلگۈسىنى تاپالايسىز، پەرىشانلىق ھېسسىياتى ۋە ئازابلىق ئۆتمۈشىڭىزنى ئۇنتۇپ، يېڭى پەللىگە قاراپ دادىل قەدەم تاشلىيالايسىز.
تەبەسسۇم ئادەمگە ئالاھىدە روھىي ھالەت بېغىشلايدۇ، سىز مۇبادا كوچىدا بىرى بىلەن سوقۇلۇپ كەتسىڭىز ياكى بىرەرسىنىڭ چىشىغا تېگىپ سالسىڭىز، قارشى تەرەپ بەلكىم غەزەپ بىلەن سىزگە ئالىيىپ قارىشى مۇمكىن، شۇ ۋاقىتتا سىز تەبەسسۇم بىلەن كەچۈرۈم سورىسىڭىز، بەلكىم بىر مەيدان ئۇرۇش - جېدەلدىن ۋە زىددىيەتلەردىن ساقلىنىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن، شۇڭا تەبەسسۇم خۇددى تىنچلىق ئەلچىسىگە ئوخشايدۇ، ئۇ بۇلۇتلارنى تارقىتىپ، كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ.
تەبەسسۇم يەنە خۇددى ئىللىق قۇياش نۇرىغا ئوخشايدۇ، ئۇ كىشىلىك دۇنيانى، تۇرمۇشىڭىزنى گۈزەللىك، يورۇقلۇق ۋە ئىللىقلىققا چۆمدۈرىدۇ، ئۇ خۇددى بىر مەيىن شامال، ئۇ كىشىلەر قەلبىدىكى قايغۇ - ھەسرەتنى، ئۆچ - ئاداۋەتلەرنى ئۆچۈرۈپ كېتەلەيدۇ، تەبەسسۇم گوياكى كىشىلەر قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان، پورەكلەپ ئېچىلغان سۇلماس گۈل، شۇڭا دوستۇم، تەبەسسۇمىڭىزنى باشقىلاردىن ھەرگىزمۇ ئايىماڭ، چۈنكى چېھرىڭىزدە تەبەسسۇم جىلۋىلەنگەندە پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز، پۈتكۈل كائىنات گۈزەللىككە، شاد - خوراملىققا، يورۇقلۇققا پۈركىنىدۇ، تۇرمۇشىمىز ئىناقلىققا، بەختىيارلىققا تويۇنىدۇ.
شۇنى بىلىش كېرەككى، تەبەسسۇم ۋە ئىناقلىق نۆۋەتتە جەمئىيەت، نىكاھ - ئائىلە، خىزمەت، تۇرمۇشنىڭ ئېھتىياجى، شۇنداقلا كەيپىياتىڭىز، ساغلاملىقىڭىز، خىزمەت ئۈنۈمىڭىزنىڭمۇ ئېھتىياجى، قىسقىسى، يېقىملىق تەبەسسۇم ئادىمىيلىكىڭىزنى ۋە گۈزەل ئەخلاق - پەزىلىتىڭىزنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرۇپ، تۇرمۇشىڭىزنى يەنىمۇ بەختىيارلىققا چۆمدۈرگۈسى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى