قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

باشقىلارغا ياردەم بەرگەنلىك -ئۆزىگە ياردەم بەرگەنلىك

2017-09-14 19:24:50     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بىر دېھقان ئېتىزدا ئىشلەۋاتسا، يېقىنلا يەردىكى بىر سازلىقتا بىرىنىڭ توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ. دېھقان بېرىپ قارىسا، بىر بالا سازلىققا چۈشۈپ كەتكەنىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالىنى قۇتقۇزۇۋاپتۇ. نەچچە كۈندىن كېيىن بالىنىڭ ئاتا -ئانىسى دېھقاننىڭ ئۆيىگە كېلىپ بالىسىنى قۇتۇلدۇرۇۋالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىپ كۆڭلىنى بىلدۈرمەكچى بوپتۇ. دېھقان:
- بالىنى قۇتقۇزۇۋالغىنىم ئۈچۈن سىلەردىن ھەق ئالسام بولمايدۇ؟ -دەپتۇ.
- ئەمسە ئوغلىڭىزنى قېشىمغا ئېلىپ بېرىپ ئوقۇتاي، جەزمەن سىز پەخىرلەنگۈدەك ئادەم قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشقا كاپالەت بېرىمەن، دەپتۇ مۆتىۋەر. دېھقان تۇرۇپ كېتىپ ماقۇل بوپتۇ. دېھقاننىڭ ئوغلى تېببىي ئىنستىتۇتىنى پۈتكۈزۈپ، دۇنياغا داڭلىق دوختۇرغا ئايلىنىپتۇ.
ئارىمىزدا باشقلار ماڭا ياردەم قىلسا، مەنمۇ ياردەم قىلىمەن، ياردەم قىلمىسا، مەنمۇ ياردەم قىلمايمەن دېگەن قاراشتىكىلەر يوق ئەمەس. بۇنداق كىشىلەرنىڭ دۇنيا قارىشى ئۆتۈپ كەتكەن شەخسىيەتچىلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. يەنە بەزىلەر مېنىڭ ئەھۋالىممۇ چاغلىق دەپ قارىشى مۇمكىن. بۇ يەردىكى گەپ ياردەمنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى، ماددىي ياكى مەنىۋى جەھەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتسىز. ئەگەر ماددىي جەھەتتە ياردەم قىلالمىسىڭىز، بىرەر ئېغىز تاتلىق گەپ، ئىللىق چىراي بولسىلا كۇپايە. بەزىدە ھەتتا مەنىۋى ياردەمنىڭ قۇدرىتى ماددىي ياردەمدىن ئېشىپ كېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. گەپ بىزنىڭ شۇنداق قىلىشنى خالاش - خالىماسلىقىمىزدا.
پىسخولوگىيەدە ئىسپاتلىنىشىچە، باشقىلارغا چىن كۆڭلىدىن ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ كەيپىياتى كۆتۈرەڭگۈ، تۇرمۇشتا ئۈمىدۋار، روھى جەھەتتە ساغلام كېلىدىكەن. ئەكسىچە «باشقىلاربىلەن نېمە كارىم؟ ئادەم ئالدى بىلەن ئۆزىنى ئويلىمىسا يەر يۈتىدۇ» دېگەن قاراشتىكىلەرنىڭ كەيپىياتى تۇراقسىز، تۇرمۇشتا چۈشكۈن، روھى جەھەتتىن بىنورمال بولىدىكەن. شۇنى ئەسكەرتىش زۆرۈركى، باشقىلارغا ياردەم قىلىش ھەرگىزمۇ باشقىلاردىن دەرھال مەنپەئەت كۆرۈش خاراكتېرىدىكى خۇشامەت، ساختا تەكەللۇپ ۋە يالغانچىلىققا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. ئەگەر شۇنداق بولىدىكەن باشقىلارغا ياردەم قىلىشنىڭ خاراكتېرى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، غەرەزلىك قىلىنغان ياردەم ئەمەلىيەتتە ئادەمنى تەسىرلەندۈرەلمەيدۇ. پەقەت چىن كۆڭلىدىن قىلىنغان سەمىمىي ياردەملا ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدۇ، ئويلاندۇرىدۇ ۋە ھەر قانداق كىشىدە باشقىلارغا ياردەم قىلىش ئىدىيەسىنى ئويغىتىدۇ.
دېمەك تۇرمۇشتا باشقىلارغا ياردەم قىلغانلىق ئەمەلىيەتتە ئۆزىگە ياردەم قىلغانلىق، باشقىلارغا بېرىلگەن ياردەم ئۆزىڭىزگە سېلىنغان روھى جەھەتتىكى مەبلەغدۇر. شۇڭا ھاياتىمىزدا قايسى جەھەتلەردىن بولسۇن، باشقىلارغا سەمىمىي ياردەم قىلىشنى، ئۇلارنىڭ چېھرىدىكى تەبەسسۇمدىن تەڭ ھۇزۇرلىنىشنى ھەقىقىي بەخت دەپ قارىيالىساق، دۇنيا تېخىمۇ گۈزەل، ئادەملەر تېخىمۇ ئىناق ۋە ھاياتىمىز تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ئۆتكەن بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى