قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۆزىنى ئازادە قويۇۋېتىش

2017-09-14 19:25:47     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

26 ياشلىق گاۋ شياڭ ئىش كۈتۈپ تۇرغان بولۇپ،  ئىچ مىجەز بولغانلىقتىن، كىشىلەر بىلەن كۆپ ئارىلىشىپ كەتمەيتتى. ئۇ ئالىي مەكتەپنى يېڭى پۈتكۈزگەن ۋاقىتتا ئىنتايىن چۇشقۇن ئىدى، قابىلىيىتىم بولغاندىكىن، چوقۇم  كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت تاپالايمەن، دەپ ئۆزىگە ئىشىنەتتى. لېكىن، ئۇ شۇنچە تەييارلىق قىلسىمۇ، ئەمما، يۈتۇرانە ئىمتىھاندا كېكەچلەپ، ھېچنېمە دېيەلمەي ئۆتەلمەي كەلدى. شۇنچە پۇختا تەييارلىق قىلسىمۇ ئۇدا مەغلۇپ بولدى. بۇ ئىش ئۇنىڭغا تولىمۇ ئېغىر كەلدى ۋە كۈنسېرى جىمغۇرلىشىپ كەتتى. ئەمدى بولسا نېمە قىلىشىنى زادىلا بىلمەيتتى.
ئەمدى بىز بۇ مىسالغا پىسخىكىلىق دياگىنوز قويۇپ باقايلى.
بۈگۈنكى كۈندە كۆڭۈلدىكىدەك بىرەر خىزمەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىش ئىنتايىن مۇھىم ھالقىلارنىڭ بىرى. نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار يۈزتۇرانە ئىمتىھاندا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئادەم  ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن. مۇتەخەسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، يۈزتۇرانە ئىمتىھاندا تەمتىرەش شۇ كەسپنى بەك ياخشى كۆرگەنلىكىتىن، ئىختىيارسىز ھالدا تەمتىرەش كىلىپ چىقىدىكەن، ئەمما، بۇ پەقەت ئۆتكۈنچى  ئەھۋال بولۇپ، ئۆزىنى ئازراقلا تەڭشىۋالغاندا، خەتەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن، يەنە بىرى، ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىدىن گۇمانلىنىش پىسخىكىسى مۇشۇنداق ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. يەنە بىرى، يۈزتۇرانە ئىمتىھاندا  مەغلۇپ بولۇشتىن قورقىدىكەن. بۇنداق بولغاندا ھەممە ئىشىم سۇغا چىلىشىدۇ، دەپ قارايدىكەن. ئومۇمەن قارىغاندا، يۈزتۇرانە ئىمتىھاندا تەمتىرىگەن، قورققانلاردا ئۆزىنى كەمسىتىش تۇيغۇسى كۈچۈك بولۇپ، ئىشەنچىسى كەمچىل  ئىكەن. شۇڭا، مۇشۇ تەرەپتىن تەدبىر قوللىنىش مۇھىم.
بۈگۈنكى كۈندە، يۈز تۇرانە ئىمتىھان خىزمەت تېپىشنىڭ مۇھىم ھالقىسى بولۇپ قالغاچقا، بۇنىڭغا نىسبەتەن روھىي كەيپىياتنى قانداق قىلىپ ياخشى تەڭشەش ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بۇنىڭدا ئۆزىنىڭ تەمتىرەشتىكى ئامىللىرىنى خاتىرىلەپ، بىر-بىرلەپ يېڭىشقا تىرىشىش، ئۆزىنى ئازادە قويۇۋېتىش مەشىقى ئىشلەش، مەغلۇبىيەتنىڭ قارشىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ تەسەۋۋۇر قىلىش، نەق مەيداندا مەشق قىلىش، قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ  ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئۆزىنى ئازادە قويۇۋېتىشكە تىرىشىپ كۆرۈش، بۇنىڭ ئۈچۈن قايسى ئامال ياخشى بولسا، ئۆزىگە ماس كەلسە  قوللىنىپ بېقىشقا بولىدۇ. پەقەت ئۆزىنى قويۇۋېتىپ سالماق بولۇپ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ تۇرغۇزغاندىلا، ھەرقانداق قىيىن ئۆتكەلدىنمۇ بىمالال ئۆتۈپ كەتكىلى بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى