قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قاناس ئايرودۇرۇمىدا بۇ يىل 10-ئاينىڭ بېشىدا قاتناش توختىتىش مۆلچەرلەندى

2017-09-14 19:27:55     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

قاناس ئايرودۇرۇمىدىن ئىگىلىنىشىچە، قاناس ئايرودۇرۇمىدا بۇ يىل 10-ئاينىڭ بېشىدا قاتناش توختىتىش مۆلچەرلەندى. ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭدىكى مۇھىم ساياھەت رايونى مەخسۇس ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 5-ئاينىڭ ئوتتۇرى ساياھەتنىڭ جانلىنىش مەزگىلى كېلىشى بىلەن قاناس ئايرودۇرۇمىدا قاتناش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، «ئۆكتەبىر ئالتۇن ساياھەت مەزگىلى»نىڭ ئاياغلىشىشى بىلەن ئايرودۇرۇم تاقىلىدىكەن. 2007-يىلى قاتناش باشلانغاندىن بۇيان، قاناس ئايرودۇرۇمىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى ساياھەتچىلىك يۇقىرى پەللىسىنىڭ ئۆلچىمى بولۇپ قالغان، 2017-يىلى جەمئىي 2133 نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، 88 مىڭ 686  يولۇچى (ئادەم/قېتىم) توشۇلغان، تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەر تارىختىكى ئەڭ دەرىجىسىگە يەتكەن. ئايرودۇرۇمنىڭ ساياھەت قاتناش تۈگۈنى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يىل يەنە چۇڭچىڭ-قاناس لىنىيەسى ئېچىلىپ، يولۇچىلار مىقدارى تارىختا ئەڭ كۆپ بولغان.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى