قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

602-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىنىڭ لىنىيەسىدە ئۆزگىرىش بولىدىكەن.

2017-09-14 19:35:16     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىگىلىنىشىچە، يۆجىنگەي كوچىسىنىڭ شەرق-غەرب قوش يۆنىلىشلىك كەپىلىك رايوننى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ يۈرۈشلەشكەن قۇرۇلۇش يولىدا پات ئارىدا يېپىق ھالەتتە قېزىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ،602-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىنىڭ لىنىيەسىدە ئۆزگىرىش بولىدىكەن.
   602-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسى دۇڭدالياڭ كەنتىدىن جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا بېرىشتا ۋاقتىنچە ئالتۇن-كۈمۈش يولى، خەلق يولى، جەنۇبىي ئازادلىق يولىدا ماڭغاندىن كېيىن، ئەسلى لىنىيەگە كىرىدىكەن. جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدىن دۇڭدالياڭغا بېرىشتا ۋاقتىنچە جەنۇبىي تىنچلىق يولى، شىمالىي تىنچلىق يولى، خەلق يولى، ئالتۇن-كۈمۈش يولى، يۆجىنگەي كوچىسى (شياۋدۇڭلياڭ بېكىتىدە كەينىگە بۇرۇلىدۇ) دا ماڭغاندىن كېيىن، ئەسلى لىنىيەگە كىرىدىكەن.
لىنىيە تەڭشەلگەندىن كېيىن، تەنتەربىيە سارىيى بېكىتى(قوش يۆنىلىش (، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش شىركىتى بېكىتى(قوش يۆنىلىش)، 7-ئوتتۇرا مەكتەپ بېكىتى (تاق يۆنىلىش)، ئاق قۇۋۇق بېكىتى(تاق يۆنىلىش) ۋاقتىنچە يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ، ئاشلىق دۇكىنى بېكىتى ۋە شياۋدۇڭلياڭ بېكىتىدىن ئىبارەت ئىككى قوش يۆنىلىشلىك بېكەت ۋاقتىنچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ قۇرۇلۇش بىر ئاي ئەتراپىدا داۋاملىشىدىغان بولۇپ، قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن 602-يول لىنىيەسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى