قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتوموبىل چاقىنى تۆت خىل ئەھۋالدا چوقۇم ئالماشتۇرۇش كېرەك

2017-09-14 19:41:37     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاپتوموبىل چاقى ئاپتوموبىلنىڭ ئەڭ ئەستايىدىللىق بىلەن ئاسراشقا تېگىشلىك بولغان بىر بۆلىكى، چۈنكى ئاپتوموبىلنىڭ باشقا زاپچاسلىرى بۇزۇلۇپ قالسا، ئاساسىي جەھەتتىن چوڭ بىرەر ۋەقە يۈز بېرىپ كەتمەيدۇ، لېكىن ئاپتوموبىلنىڭ بالونى ياخشى ئاسرالمىغاندا يۇقىرى سۈرئەتتە كېتىۋاتقان شارائىتتا، بالون تۇيۇقسىز ئېتىلىپ كەتسە ئادەمنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ.    
بالونغا نىسبەتەن ئەڭ كۆپ كۆرىلىدىغان چاتاق بولسا بالوننىڭ تېشىلىپ كىتىشى ۋە ئۇپراپ كېتىشى قاتارلىقلار، لېكىن بۇ خىل دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغان كاشىلىلارغا سەل قاراشقا بولمايدۇ، بۇ خىل كاشىلىلارغا دۇچ كەلگەن بولسىڭىز ئاپتوموبىل چاقىنى دەرھال ئالماشتۇرۇۋېتىڭ، بولمىسا ئىنتايىن خەتەرلىك.
1.بالوننىڭ تومپىيىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولسا بالوننى دەرھال ئالماشتۇرۇش كېرەك. بالوننىڭ تومپىيىپ قېلىش ھادىسىسى بالوننىڭ يان تەرەپلىرىدە كۆپرەك كۆرىلىدۇ، بۇ ئاساسلىقى: چاقنىڭ يول ياقىسى، يوغان تاش، سۈرئەت ئاستىلىتىش بەلۋېغى قاتارلىقلارغا قاتتىق ئۇرۇلۇپ، بالوننىڭ ئەستەر قەۋىتىنىڭ ئۈزۈلۈشىدىن كېلىپ چىقىدۇ، ئەگەر بالون تومپىيىپ قالغان ھالەتتە ئۇزۇن تۇرۇپ قالسا، ئاپتوموبىلنى يۇقىرى سۈرئەتتە ھەيدىگەندە ناھايىتى ئاسانلا چاقنىڭ ئېتىلىپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بىرىپ، ئېغىر خەتەرلىك ھادىسلەر كېلىپ چىقىدۇ.
2.چاقنىڭ يۈزىگە مەلۇم نەرسە سانجىلىپ، ئېچىلىپ قالغان تۈشۈكنىڭ چوڭلىقى 6 مىللىمېتىردىن ئېشىپ كەتسە چوقۇم بالون ئالماشتۇرۇش كېرەك.
 ئەگەر بالونغا بىرەر نەرسە سانجىلىپ كىچىكرەك تۆشۈك ئېچىلىپ قالغان بولسا، بالوننى يامىساقلا بولىدۇ، لېكىن بالوننىڭ يۈزىدىكى تۆشۈكنىڭ چوڭلىقى 6 مىللىمېتىردىن ئېشىپ كەتكەن بولسا بالوننى يامىساقمۇ ئەھمىيىتى بولمايدۇ، چۈنكى،تۆشۈك بەك چوڭ بولۇپ كەتسە، گەرچە ياماپ ئوڭشىغان تەقدىردىمۇ بالوننىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ، شۇڭا ئېچىلىپ قالغان تۆشۈك 6 مىللىمېتىردىن چوڭ بولسا ئامال بار بالوننى ئالماشتۇرۇۋەتكىنىمىز ياخشى.
3.بالون يۈزىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن ياكى گەۋدىسىدىكى گۈل ئىزلىرى چۈشۈپ كەتكەن بولسا چوقۇم بالون ئالماشتۇرۇش كېرەك.
بالون يۈزىنىڭ شەكلىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشى ياكى گەۋدىسىدىكى گۈل ئىزلىرىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى بالوندا مەسىلىنىڭ بىر قەدەر ئېغىر ئىكەنلىكىنى كۆررسىتىدۇ، بۇ مەيلى كۆركەملىك جەھەتتىن بولسۇن ياكى بىخەتەرلىك جەھەتتىن بولسۇن چوقۇم تېزدىن ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە، شۇڭا دەرھال بالوننى ئالماشتۇرۇش لازىم.
4. بالوننىڭ يان تەرىپىدىن بالوننىڭ ئەستەر قەۋىتى كۆرۈنۈپ قالغان بولسا، بالوننى دەرھال ئالماشتۇرۇش كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى