قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

گۇما ناھىيەسىدىكى 25 كەنت ئاھالىسى ئۈرۈمچىگە قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنى يوقلاپ كەلدى

2017-09-14 11:21:03     مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى   

چودا يېزىسىدىن كەلگەن كەنت ئاھالىلىرى تەڭرىتاغ تورىغا كەلدى
تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز جاڭ شىنجۈن خەۋىرى، فوتوسى): «بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم يىراققا سەپەرگە چىقىشىم، شۇنداقلا تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچىگە كېلىشىم، نۇرغۇنلىغان كۆرۈپ باقمىغان نەرسىلەرنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم ... پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە نەزەر دائىرىمىزنى ئاچىدىغان بۇ پۇرسەتنى بەرگىنىگە كۆپ رەھمەت» دېدى 12-سېنتەبىر خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسى چودا يېزىسىدىن ئۈرۈمچىگە كەلگەن ئەخمەت مەتۋەلى.
1940-يىلى تۇغۇلغان ئەخمەت مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىكى تۇغقانلىرىمىز كەنتلىرىمىزگە بېرىپ بىزنى يوقلايتتى، بىزمۇ بىر پۇرسەت تېپىپ ئۈرۈمچىگە بېرىشنى ئويلايتتۇق، بۇ ئارزۇيىمىز ئاخىرى ئەمەلگە ئاشتى، بۇنىڭدىن بەك خۇشال بولدۇق» دېدى.
بۇ كۈنى، چودا يېزىسىدىن كەلگەن ئەخمەت قاتارلىق 25 نەپەر كەنت ئاھالىسى ئۈرۈمچىگە تۇغقان يوقلىغىلى كەلدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭى 77 ياش، ئەڭ كىچىكى 24 ياش بولۇپ، كۆپىنچىسىنىڭ ئۈرۈمچىگە تۇنجى قېتىم كېلىشى، تۇنجى قېتىم يىراق سەپەرگە چىقىشى ئىدى.
چودا يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى مەمەتجان مۇختەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، چودا يېزىسىنىڭ ھەر قايسى كەنتلىرىدىكى تۇغقانلار ۋەكىلى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلاش، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقە، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ تەكلىپى بىلەن 11-سېنتەبىر ئۈرۈمچىگە كېلىپ تۇغقانلىرىنى يوقلاپ، «قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان.
بۇ 25 نەپەر كەنت ئاھالىسى 12-سېنتەبىر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئۈرۈمچى ناھىيەسى بەنفاڭگۇ يېزىسى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى سۇلۇق ساي بازىرى دامياۋ كەنتى ۋە ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) كىچىك يېشىل جىلغا باغچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي قاتارلىق جايلاردا ئېكىسكۇرسىيەدە بولدى، تەشۋىقات بۆلۈمىدىكى كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولدى شۇنداقلا ئۇلار تەييارلىغان سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھوزۇرلاندى.

 

 

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى